تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىلار قىزىپ قالسا، قارا ئۆرۈكنى ئىشلەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ

كۈز، قىش پەسىللىرىدە ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ بولىدۇ، بالىلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ياخشى بولماي، تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ زۇكام بولۇپ قالىدۇ، بولۇپمۇ بەزى بالىلار تۇيۇقسىز قىزىپ قالىدۇ، يەنى قىزىش تېمپېراتۇرىسى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، لېكىن بۇ خىل تۆۋەن قىزىتما نەچچە كۈنگىچە يانمايدۇ، بالىلاردا يەنە گېلى ئاغرىش، كىچىك تەرىتى قىستاش ياكى سېرىق قىزىل كېلىش، سوغۇق تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بالا بۇ خىل ئەھۋالدا، ئەگەر ئاتا ـ ئانىلار ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپتۇ دەپ خاتا ھۆكۈم قىلىپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرسا، ئەكسىچە بالىنى تېخىمۇ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قىزىپ كەتسە، بالىغا قارىئۆرۈك ناۋات سۈيى ئىچكۈزسە بولىدۇ.

قارا ئۆرۈك ناۋات سۈيى: ماتېرىيال: قارا ئۆرۈك 2 ~ 1 تال، ناۋات مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: قارا ئۆرۈكنى قازانغا سېلىپ، تۆت چىنە سۇ قۇيۇپ، كۈچلۈك ئوتتا 15 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، ناۋاتنى سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ، بۇنى قېتىمغا بۆلۈپ ئىچسە بولىدۇ. شىپالىق رولى: قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ، تالنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا ماس كېلىدۇ، ئاز مىقداردا كۆپ قېتىمغا بۆلۈپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى