تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ كەلپىن ناھىيەسى: «نامرات ئۇۋا»دىن كۆچۈپ چىقىپ، «بەخت كەنتى»گە كۆچۈپ كىرىش

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيەسى ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ئىدى، بۇ يەرنىڭ سۇ، تۇپراق بايلىقى كەمچىل، تەبىئىي شارائىتى ناچار ئىدى. يەرلىك نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ھەمدە يەر ئوبوروتى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، كەنت ئاھالىلىرىمۇ بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى كەنتكە «بەخت كەنتى» دەپ يېڭى ئىسىم قويدى.


2017-يىلى، كەلپىن ناھىيەسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، ناھىيە بازىرىغا 33 كىلومېتىر كېلىدىغان چۆللۈكتە يېڭى كەنت قۇرۇپ، ئىككى يېزا-بازاردىكى 96 ئائىلىلىك جەمئىي 487 نەپەر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاممىنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇردى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەسلىھەتلىشىشى ۋە بېلەت تاشلىشى بىلەن، بەخت كەنتى دەپ ئىسىم قويۇلدى. باھايدىن نامرات ئۇۋىدىن كۆچۈپ چىقىپ، ئەمىن ئۆيدە ئولتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، لېكىن كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن قانداق ياشاش ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر چوڭ قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. باھايدىن بۆلۈپ بېرىلگەن 25 مو تېرىلغۇ يەرگە بۇغداي تېرىغان بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى يىلى ھوسۇل ئالالمىغاچقا، بىر مەھەل كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانىدى.

بۇ چاغدا، كەلپىن ناھىيەسى يەر ئوبوروتى ئۇسۇلى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قولىدىكى يەرلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش تېرىشنى يولغا قويۇپ، ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان 2400 مو كېرەكسىز يەرنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇردى. باھايدىن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بىلەن بىر نىمكەش كۈرەكلىك ماشىنا سېتىۋېلىپ، يەر تۈزلەش قۇرۇلۇشى چوڭ قوشۇنىغا قوشۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بەخت كەنتى يېزا-بازار ئەتراپىدىكى كارخانىلار ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت كەسپى، يېقىن ئەتراپتىكى تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئادەم ئىشلىتىش ئېھتىياجىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەنتتىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى، ھازىر جەمئىي 260 ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى. پۈتۈن كەنتنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى كۆچۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىكى 3000 يۈەنگە يەتمەسلىكتىن 10 مىڭ 229 يۈەنگە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش
  • قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى: ساياھەتچىلەر خۇشال كېلىپ، خۇشال قايتتى
  • چاغانلىق پۇراق