تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈنكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃2 بولىدۇ

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) گەرچە «داخەن» دېيىلسىمۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۇنچە سوغۇق بولمىدى، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ھەتتا نۆلدىن يۇقىرى بولدى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن (1-ئاينىڭ 20-كۈنى) ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃2، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃9- بولۇپ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال، قاتتىق قار ياغىدۇ. شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ بەزىدە بۇلۇتلىنىدۇ، شامال كۈچى كۈچلۈك بولمايدۇ.

ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرىدىن: G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى