تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسىدىن 20نى بەرپا قىلىدۇ

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي): بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى شەھەر بويىچە 20 تارماق يول (تار كوچا)نى تاللاپ، تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

   1-ئاينىڭ 19-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل پۈتۈن شەھەردىكى 2000دىن ئارتۇق تارماق يول(تار كوچا)نى ئومۇميۈزلۈك تۈزەيدىكەن ھەمدە ئاساسلىق شەھەر رايونى دائىرىسىدە يۇقىرى ئۆلچەمدە تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسىدىن 20نى بەرپا قىلىپ، ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن شەھەر كوچا مۇھىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

   20 تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسىنى تۈزەش ئۆلچىمىدە، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى چۆرىدەشتىن باشقا، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ۋە يوللارنى رېمونت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ؛ يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى ئاسراش كۈچەيتىلىدۇ؛ مۇھىت تازىلىقى، مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەلىرىنى تۈزەش قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ شەھەردىكى «جاھىل تەمرەتكە»نى تۈزەش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى ئۆلچەمنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، يەنە «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەرنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»دىكى 18 تۈرلۈك باشقۇرۇش ئۆلچىمى ۋە تەلىپى تۇتقا قىلىنىپ، «بىر تاختا شاھمات»لىق تۈزەش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تىك يۈز مۇھىتى، يول تازىلىقى، كوچا تەرتىپى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرى قاتارلىق خىزمەتلەر بىرلىكتە پىلانلىنىپ، بىرلىكتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، تىك يۈز، مۇھىت تازىلىقى، شەھەر مەمۇرىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال سۈپەتنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

   نۆۋەتتە «كوچىلارنى تۈزەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» بېكىتىلدى، بۇ قۇرۇلۇش 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 11-ئاينىڭ 30-كۈنى تاماملىنىدۇ.

   «لايىھە»دە يەنە 20 تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كوچىسىنىڭ كونكرېت تارقىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يەنى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، تىيانشان رايونى، سايباغ رايونى، شىمىگۇ رايونىنىڭ ھەرقايسى تۆت تارماق يولى (تار كوچا)، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، مىدۇڭ رايونىنىڭ ھەرقايسى ئىككى تارماق يولى (تار كوچا).

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى