تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ۋىيشىن كىچىك دەرسخانىسى» كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر لى ۋېي

«مەن رايوندىكى <ۋىيشىن كىچىك دەرسخانىسى> ئارقىلىق، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندىم. ھازىر تەرەققىيات يۆنىلىشىم تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، يەنە تەرەققىي قىلىش غەيرىتىم تېخىمۇ تاشتى» دېدى 1- ئاينىڭ 10-كۈنى قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ رايونى ئورقۇ بازىرى خاك كەنتىدىكى دېھقان گو دۇڭلوۋ.

گو دۇڭلوۋ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئورقۇلۇق. يېقىندا، ئۇ ھەر كۈنى زاكاز قوبۇل قىلىش، تېز يوللانما ئەۋەتىش بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«ھەر كۈنى 100دىن ئارتۇق تېلېفون قوبۇل قىلىمەن، ھەممىسى مېنىڭ ئالما قېقىمنى سېتىۋالىدىغانلار.» پاراڭ ئارىلىقىدا، گو دۇڭلوۋ خۇشاللىقىدىن كۈلۈپ كەتتى. 2018-يىلى، ئۇ ئۆزى ئالما قېقى تەييارلاشقا باشلىغانىدى، خام ماتېرىيالى ساپ تەبىئىي، تەمى چۈرۈك، يېيىشلىك، باھاسى مۇۋاپىق بولغاچقا، مەھسۇلاتى بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئورقۇ بازىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئۇ ئورقۇ رايونى دۇڭلوۋ مېۋە ياپراقچىسى پىششىقلاش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى باشلامچى بولۇپ قۇردى.

3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئورقۇ رايونى رايوندىكى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزىنى تايانچ قىلىپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى، «ۋىيشىن كىچىك دەرسخانىسى» بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى ئىدى.

ئورقۇ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ يەنجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: «ۋىيشىن كىچىك دەرسخانىسى» «يېزىق+سۈرەت+كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ» شەكلىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى ھەم 2-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئورقۇ رايونىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى. بۇ خىل قولايلىق شەكىل ئارقىلىق، لېكسىيە پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەربىر ئاممىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىش ۋە ھاسىلاتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ۋە ھېس قىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈش»نىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«ۋىيشىن كىچىك دەرسخانىسى» ئارقىلىق ئۆگەنگەندىن كېيىن، گو دۇڭلوۋ سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى. 2020-يىلى 10-ئايدا، ئۇنىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قىممىتى مىليون يۈەنلىك تولۇق ئاپتوماتىك بىر گەۋدىلەشكەن ئالما قېقى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى، بۇ مېنىڭ دادىل ئىشلەشتىكى ئەڭ زور ئىشەنچىم. بۇنىڭدىن كېيىن، مەن يەنە يېڭى مەھسۇلاتلارنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تىجارەت كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۇرتداشلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئورتاق بېيىشقا يېتەكلەيمەن» دېدى گو دۇڭلوۋ.

«بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى يارىتىمىز» دېدى ئورقۇ بازىرى خاك كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى زورىگۈل غازى قەتئىيلىك بىلەن.

«ۋىيشىن كىچىك دەرسخانىسى» ئارقىلىق سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش زورىگۈلگە سىياسەتنىڭ «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى»نى يېگۈزۈپ، ئۇنىڭ ساياھەتچىلىككە قاتنىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ئالدىنقى ئىككى يىلدا، زورىگۈل ئۆز ھويلىسىدا كىچىك كۆلەملىك دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىپ، يىلىغا 40-30 مىڭ يۈەن ساپ كىرىم قىلدى.

2020-يىلى، ئورقۇ رايونى جەمئىي 2 مىليارد 90 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسى، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى، خاس باقمىچىلىق بىر گەۋدە قىلىنغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۇنىۋېرسال تۈرى − «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجىن بازىرى» قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز ھويلىسىنى پاي قىلىپ قوشۇپ تۈرگە قاتنىشىشقا يېتەكلىدى، زورىگۈل تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى. «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجىن بازىرى» تۈرى بويىچە كېلىشىم ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھويلىسىنىڭ پايدىسى ئۇ ئورقۇدىكى ئاساسلىق شەھەر رايونىدىن سېتىۋالغان 98 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش بىنا ئۆي ھەم ئۇنى بېزەش ھەققىگە توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلگەن قىسمىدىن باشقا، ھەر ئايدا يەنە 2480 يۈەن پايدا ئالالايدىغان بوپتۇ ھەمدە بۇ ھەر بەش يىلدا %10 ئاشىدىكەن.

زورىگۈلنىڭ ئېيتىشىچە، ئورقۇ رايونىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ئۆزگىچە رايون ئەۋزەللىكى بار ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە «غەربىي قىسىمدىكى ۋۇجىن بازىرى» تۈرى قوشۇلغاچقا، بۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە ساياھەتكە كېلىپ، ئىستېمال قىلىدىكەن، بۇ يىل ئۇ شەھەر رايونىدىن بىر دۇكان ئىجارە ئېلىپ ئاشخانا ئاچماقچى بولۇۋېتىپتۇ، «ھەر يىلى تۈرنىڭ پايدا تەقسىمات كىرىمىگە ئاشخانا تىجارىتى قىلىپ تاپقان پۇلنى قوشقاندا، چوقۇم ئىلگىرىكىدىن كۆپ پۇل تاپالايمەن».

بۇ بىرنەچچە كۈندە، ئورقۇ رايونى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزىدىكى «بارماقتىكى مەدەنىيەت» ئىقتىدارلىق ئىشخانىسىدا، ئەل ئىچىدىكى كىيىم - كېچەك ۋە زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرىنى قولدا تىكىش ئۇستىسى ئىدىمجاپ ئالتىنچىمىگ شاگىرتلىرىنى يېتەكلەپ موڭغۇللارنىڭ تويلۇق كىيىمى قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچىكى ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تىكىۋاتاتتى.

2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئالتىنچىمىگ «ۋىيشىن كىچىك دەرسخانىسى» ئارقىلىق 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئۇنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. «باش شۇجى 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك، دېدى. مەنمۇ بۇ جەھەتتە تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئالتىنچىمىگ.

ئالتىنچىمىگنىڭ موڭغۇللارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك ۋە زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى تىكىش ئارتۇقچىلىقى بار بولۇپ، ئورقۇ رايونى ئۇنىڭ مەركەزدە «بارماقتىكى مەدەنىيەت» ئىقتىدارلىق ئىشخانىسى ئېچىشىنى قوللىدى، يەنە ئۇنىڭ ئىككى شاگىرت قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئالتىنچىمىگ ئەل ئىچى ھۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، يەنە زاكاز قوبۇل قىلىپ پۇل تاپالايدۇ.

«<ۋىيشىن كىچىك دەرسخانىسى> ئارقىلىق، بىز 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامدا تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەڭ ئاممىنى يىغىن روھىنى قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا يېتەكلىدۇق» دېدى جاڭ يەنجۈن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى