تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى بۇ يىل 351 كونا ئولتۇراق رايونىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈەنيۈەن): ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 1053 بىنادىكى 48 مىڭ 426 ئاھالىگە چېتىلىدىغان 351 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاشنى پىلانلىدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش جەھەتتە، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى (كەپىلىك مەھەلىلەر)نى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 351 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 3 مىليون 729 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. ئاساسلىقى ئولتۇراق رايوندىكى سۇ، توك، گاز، يول، پار، كۆكەرتىش، يورۇتۇش قاتارلىق ئاھالىلەر ئاساسىي تۇرمۇشىدا ئېھتىياجلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئاھالىلەرنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە بولغان تەلىپىمۇ ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. ئۈرۈمچى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، تەپسىلىي ئىلمىي پىلان تۈزۈپ، «بىر تۈركۈمنى يولغا قويۇش، بىر تۈركۈمنى پىلانلاش، بىر تۈركۈمنى زاپاس ساقلاش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش ۋاقىت تەرتىپىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ شەھەردىكى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ گۈزەل قىلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى