تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىدىن 7350 مو يېشىللىقنى كۆپەيتىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې، ئىختىيارىي مۇخبىر مېڭ لىڭيىڭ): بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى «تاغقا دەرەخ تىكىش»، «يەرنى يېشىللاشتۇرۇش» تۈرىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، «يەرنى يېشىللاشتۇرۇش» تۈرىدە يېڭىدىن 5050 مو يېشىللىق كۆپەيتىلىدۇ، «تاغقا دەرەخ تىكىش» تۈرىدە 2300 مو يېشىللىقنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىلىدۇ.

شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش جەھەتتە، «ئالتە جۈملە سۆز» تۈر قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل بۇ ئىدارە شەھەر رايونىدىكى يول، مەنزىرە رايونى سەيلە باغچىسى، ئىدارىنىڭ ھويلا-ئارانلىرى قاتارلىق جايلارنى «يېشىللاشتۇرۇش» خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەيدىكەن ھەم ئەتراپتىكى قۇم ئازگىلى، چۆللۈكنى تۈزەش ۋە تۆمۈريول يانتۇلۇقى، تاشلاندۇق كان قاتارلىق ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىدىكەن.

شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى لى كۇەنجۇڭ مۇنداق دېدى: يىللىق پىلان بويىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدە 7350 مو يېشىللىق يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ ۋە ئۆزگەرتىلىپ، 3 مىليون تۈپتىن ئارتۇق تۈرلۈك چاتقال تىكىلىپ، شەھەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىدۇ ۋە ئۆستۈرۈلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى «تاغقا دەرەخ تىكىش» تۈرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بۇ يىل ئىچىدە يەننەنشەن تېغى، يامالىق تېغى قاتارلىق 50 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتىش نەتىجىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، كۆكەرتىش مەنزىرىسىنى ئۆستۈرۈش؛ 2300 مو يېشىللىق كۆلىمىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش، 222 مىڭ 700 تۈپ چاتقال تولۇقلاپ تىكىشنى پىلانلىدى.

«ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى