تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

سۇ بويىدا سەيلە قىلىش پىسخىكا ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق

  ئىسپانىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۇ بويىدا سەيلە قىلىش شەھەر كوچىلىرىدا سەيلە قىلىشقا قارىغاندا پىسخىكا ساغلاملىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەن.

  تەتقىقاتچىلار ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر سان «مۇھىت تەتقىقاتى» پەسىللىك ژۇرنىلىدا دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا سەيلە قىلىش ياكى ئۆي ئىچىدە ئارام ئېلىشقا سېلىشتۇرغاندا، تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ كۆك بوشلۇقتا سەيلە قىلغاندىن كېيىنكى كەيپىياتى ۋە بەخت تۇيغۇسىدا «تېز سۈرئەتتە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش» بولغانلىقىنى بايقىدى. بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا، تەتقىقات ئوبيېكتى دېڭىز بويىدا سەيلە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كەيپىياتى، ھاياتىي كۈچى ۋە پىسخىك ساغلاملىقى خېلى ياخشىلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا، دېڭىز بويى ۋە شەھەر كوچىلىرىدا سەيلە قىلىش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ (交感神经系统) پائالىيىتى كۈچىيىدىكەن.

  ئەمما، بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجىسىدە دېڭىز بويىدا سەيلە قىلىش بىلەن شەھەر كوچىلىرىدا سەيلە قىلىشنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا بولغان تەسىر پەرقى ئىپادىلەنمىگەن. تەتقىقات دوكلاتىنىڭ ئاساسلىق ئاپتورى كىرىستىنا بېرت مۇنداق دېدى: بۇ تەتقىقات نەتىجىسى كۆك بوشلۇقتا قىسقا ۋاقىت سەيلە قىلىشنىڭ «پەيتلىك ئېففېكتى»،  ئىزچىل، ئۇزاق كۆك بوشلۇق ئىچىدە تۇرۇش يۈرەك ساغلاملىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن»، لېكىن بۇ قېتىمقى تەتقىقات ئالاقىدار مەزمۇنلارغا چېتىلمىغان.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى