تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالدىراش بولۇش، تېرىلغۇ تەييارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش

      تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چۆ . خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا بەيرۇنشياڭ يېزا ئىگىلىك سۇلياۋ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىدە، ئىشچىلار زاۋۇتتىن چىققان سۇلياۋ يوپۇقنى ئامبارغا كىرگۈزدى. زىمىستان قىش پەسلىدە، كورلا شەھىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلدى. كورلا بەيرۇنشياڭ يېزا ئىگىلىك سۇلياۋ بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە، بۇ شىركەت 3500 توننا سۇلياۋ يوپۇق زاكازىنى تاپشۇرۇۋالغان، 1500 توننا سۇلياۋ يوپۇق ئىشلەپچىقارغان، مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن ئوبلاست ۋە ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا سېتىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى