تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت ئوتلاق تەبىئىي باغچىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې): بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت ئوتلاق تەبىئىي باغچىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى باشلاپ، ئوتلاقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئوتلاق ئىستىراھەت-دەم ئېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى (شەھەرلىك باغ-ئورمان باشقۇرۇش ئىدارىسى) نىڭ ئىدارە باشلىقى جەي چىنيىڭ مۇنداق دېدى: شەھەر بويىچە ھازىر بار بولغان ئوتلاق كۆلىمى 21 مىليون 641 مىڭ 100 مو. پىلانغا ئاساسەن، باغچە دەسلەپكى قەدەمدە كۆلىمى 250 مىڭ مو ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركىزىي شەھەر دۆلەت ئوتلاق تەبىئىي باغچىسىدا ساياھەت-تاماشا قىلىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئېكولوگىيە تەسىراتى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلار تەسىس قىلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇلىدۇ.

«ئانار بۇلۇت» تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى