تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

بۇ يىللىق مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلار بىلىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى): يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «2021-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەش ئىمتىھانىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  1-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەشكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتلىرى: شىنجاڭدىكى (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي ئوقۇش تەۋەلىكىدىكى 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس)تە ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، نىشانلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن؛ خەلق مائارىپى تەرتىپى بويىچە ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس) ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نوپۇسىغا ئىگە ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر.

  ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتى ئىدىيەۋى-سىياسىي ساپانىڭ ياخشى بولۇشى، ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس) ئوقۇش مەزگىلىدە ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قىلمىشى يوق، چارە كۆرۈش خاتىرىسى يوق؛ ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس) ئوقۇش مەزگىلىدە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولۇش؛ 2021-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس) دىپلومىغا ئېرىشكىلى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلى مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەشكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ، كەسىپ ۋە ئوقۇغۇچى سانىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى پىلان چۈشۈرگەندىن كېيىن ئېلان قىلىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى تور بېكىتىدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا تىزىملاتسا بولىدىكەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا ئالتە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدىكەن.

  مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلەشتە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىمتىھان تۈرى ئىككى تۈرلۈك ئاممىۋى ئاساسىي دەرس بولۇپ، «سىياسەت» ۋە «تىل-ئەدەبىيات»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، قوبۇل قىلغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئەڭ تۆۋەن ئارخىپ چىقىرىش كونترول نومۇر چېكىنى ئايرىپ، «نەتىجىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئارزۇغا ئەمەل قىلىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئارزۇ قائىدىسى بويىچە ئارخىپ چىقىرىپ قوبۇل قىلىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ پىلاننى تاماملىمىسا ئاشكارا ئارزۇ يىغىشنى يولغا قويىدۇ.

  مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا ئۆرلىگەن ئوقۇغۇچىلار كەسىپ تەڭشەشكە ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ، ئاساسىي ئوقۇش مۇددىتى ئادەتتە ئىككى يىل بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى تاماملاپ ھەمدە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولسا، مەكتەپ ئادەتتىكى ئالىي مائارىپ بويىچە تولۇق كۇرسنى پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى