تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

كەنتكە يول چىرىغى ئورنىتىلىپ، ئۈمىد ئوتى ياندۇرۇلدى

  ئانار بۇلۇت: پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىسى قۇتچى كەنتى ناھىيە بازىرىغا بىر قەدەر يېقىن بولسىمۇ، لېكىن ئىزچىل يول چىرىغى بولمىغاچقا، دېھقانلار سىرتقا چىقىپ ئەمگەك قىلىپ، قاراڭغۇدا ئۆيلىرىگە قايتقاندا، ئامانلىق ساقلاش ۋە قاتناش بىخەتەرلىكى جەھەتتە ناھايىتى زور يوشۇرۇن خەۋپ ساقلانغانىدى. شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ پوسكام يېزىسى قۇتچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەلرايىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتلىنىپ، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىرىغى ئورنىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەقىقىي ھەل قىلدى.

  يېقىندا، مۇخبىر پوسكام ناھىيەسى پوسكام يېزىسى قۇتچى كەنتىگە بېرىپ، شەكلى كۆركەم، ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرىنىڭ رەتلىك، تەرتىپلىك تىزىلغانلىقىنى، بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى يورۇتۇپلا قالماي، يەنە كەنتكە يېڭى كەيپىيات قوشقانلىقىنى كۆردى، بۇ كەنتتىكى مىنەۋەر مەمەت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يول چىرىغى ئورنىتىلىشتىن بۇرۇن، كەچ كىرىشى بىلەنلا كەنت قاپقاراڭغۇ بولۇپ كېتەتتى، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئوقۇغۇچىلار كۈندە قاراڭغۇدا مەكتەپكە باراتتى، بۇ سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.


  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك يول چىراغلىرى قاراڭغۇ كېچىنى يورۇتۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى يورۇتتى، شۇنداقلا قۇتچى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى يورۇتتى.

مەنبە: پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، تاجىگۈل تۇرسۇن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى