شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يەكەن ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىدىكى مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە مايسا يېتىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. يەكەن ناھىيەسى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلەر باغچىسىنىڭ مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى زاۋۇتلاشقان مايسا يېتىشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش، ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، يېزا-كەنت ئىستىراھەت ساياھىتىنى بىر گەۋدە قىلغان مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزى بولۇپ، پۈتۈن ناھىيە يېزا-بازاردىكى 7200دىن ئارتۇق پارنىك، 15 مىڭ ئەگمە پارنىكنى كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات فوتوسى