تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرىنى تۈزىتىش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، قاتتىق تىزگىنلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھازىرقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ھەيدەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىلىق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ 2020-يىلىدىكى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كەمتۈكلۈك مەسىلىلىرىگە توغرا قاراپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، قانۇن-نىزامغا توغرىلىنىشنى چىڭىتىپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسىلىلىرى، يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە داۋاملىق كۈچەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈمىنى كۆرۈش كېرەك. بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، زور، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرى يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى توسۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي كومىتېتلىرى كەسىپلەشكەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەشكىللەپ، ئۆز كەسپىي ساھەسىدىكى خەۋپ-خەتەر، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، توغرا تېپىپ، بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، دەل جايىدا تۈزۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشى كېرەك. «14-بەش يىل» ھەم بۇ يىللىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «14-بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى