تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى   شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى   لى پېڭشىن خۇلاسە سۆزى قىلدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېزا خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن خۇلاسە سۆزى قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر، بارلىققا كەلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە دائىر بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، بۇ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تۈپ مىزانى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا شىنجاڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات-مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ لايىھەلەش، تەڭ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى باش تېما قىلىپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ كەسىپلىرىنى، ئىختىساسلىقلىرىنى، مەدەنىيىتىنى، ئېكولوگىيەسىنى، تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلىرىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەرلەر بىلەن يېزىلار بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت-يېزا ئىگىلىكى، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىشى، دېھقانلارنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، «تۆتنى توختاتماسلىق» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ سىلىق، مۇقىم ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش-ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش-يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن تەرتىپلىك يۆتكەپ سىرتقا چىقىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كېيىنكى داۋاملاشما ياردەم بېرىش-يۆلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ۋە جەمئىيەت كۈچ قوشۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىكنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، «ئاشلىق»قا شۇجى، ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇغداي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سورت قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىپ نەپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى قەتئىي توسۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلىرى گۈللەنگەن، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، ئىدارە قىلىنىشى ئۈنۈملۈك، تۇرمۇشى باياشات بولغان گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەپ زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى1-، 2-، 3-كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، زامانىۋى يېزا-كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلاردىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يېزا بايلىق مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى، يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىش، سۇ-تۇپراق ئېقىپ كېتىش قاتارلىقلارنى تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە يېزا-كەنت مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ناھىيە تەۋەلىرىنى شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كىرىش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىستېمالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر، يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە سانائەت-يېزا ئىگىلىكى، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. يېزا-كەنت ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ياخشىلاپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى يېزا-كەنت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىنچ-ئامان يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا-كەنت ئىدارە قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ياخشى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيە، يېزىلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتىن ئىبارەت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا-بازار رەھبەرلىك بەنزىسى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەزالىقىغا، بولۇپمۇ كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىلىقىغا ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كادىرلارنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىرىنچى سېپىدىكى ئىش ئورنىغا تاللاپ ئەۋەتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيەت جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سېلىنما كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مۇقىم بولغان سېلىنما مېخانىزمى ئورنىتىپ، مالىيە كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى زورايتىپ، جەمئىيەت كاپىتالىنى يېتەكلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى سېلىنما سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، ئومۇمىي مىقدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئەڭ زور چەكتە يېنىكلىتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەممە كىشى مەدەت بېرىدىغان، ھەممە كىشى قاتنىشىدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىدا «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، نىشان-ۋەزىپىلەر، خىزمەت پىكىر يولى ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىلمىي بېكىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى باش تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ تۇراقلاشتۇرغۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى (مۇزاكىرە نۇسخىسى)» مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، تۇەن-چاڭلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.