تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

كۈچلۈك شەرق شامىلىدا چەكسىز دولقۇن مەۋج ئۇردى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىنىڭ تۆت يىللىقى پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خەن مو، چېن شەن، جىن جېڭ

بۇ، ئىنسانىيەت ئىدىيەسى يۇلتۇزلۇق ئاسمىنى چاقنىغان پەيت، بۇ، دەۋر دولقۇنىنى مەۋج ئۇرغۇزغان جۇڭگو ساداسى −

2017 - يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بايان قىلىپ، تارىخ ۋە پەلسەپە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى نەگە بېرىپ نەدە تۇرىدۇ؟» دېگەن بۇ دەۋر تېمىسىغا قارىتا جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۆت يىلدىن بۇيان، دۇنيا ۋەزىيىتى ئۆزگىرىپ قالايمىقانچىلىقلار گىرەلىشىپ كەتتى، يەر شارىۋى خىرىسلار ئۈزۈلمىدى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاتمۇقات سىناقلارغا دۇچ كەلدى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋاقىتنىڭ چېنىقتۇرۇشى ۋە رېئاللىقنىڭ يورۇتۇشى بىلەن، بارغانسېرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەقىقەت نۇرىنى چېچىپ، دۇنيانىڭ كۈنسېرى كەڭ قوللىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى.

دەۋرنى يېتەكلەيدىغان ئىدىيە، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان ئەقىل - پاراسەت، خەتەرلىك ۋەزىيەتنى ئوڭشايدىغان ياخشى چارە. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى خۇددى كۈچلۈك شەرق شامىلى زېمىننى سىيپاپ ئۆتكەندەك، ئىناق ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئەتىنى ياراتتى.

دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەندە جاھان تېخىمۇ كېڭىيىدۇ

2020 - يىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارىۋى كىرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئەسىر يۇقۇمى بىلەن ئۈستىلىنىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تېررىتورىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى.

«دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىمىز؟» كىشىلەرنىڭ جاۋاب ھەققىدىكى ئىزدىنىشى تېخىمۇ تەخىرسىز بولدى. ئىتتىپاقلىشىش بىلەن بۆلۈنۈش، ئېچىۋېتىش بىلەن بېكىنىۋېلىش، ھەمكارلىشىش بىلەن قارشىلىشىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچ كەسكىن ئېلىشىۋاتىدۇ، ئىككى خىل ئىستىقبال تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.

«تىنچلىق مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزۈلدۈرمەي، مەدەنىيلىكنىڭ شانلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا بىز بۇ بىر ئەۋلاد سىياسىيونلاردا بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتچانلىق.» جەنۋەدىكى ۋەنگو سارىيىدا، رەئىس شى جىنپىڭ قەتئىي ئىنتوناتسىيە، كۈچلۈك سۆزلەر بىلەن ئىنسانىيەت تارىخىغا نەزەر سېلىپ، ئورتاق قىممەتنى يەتكۈزۈپ، چوڭقۇر تەپەككۇردىن تەڭ بەھرىلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلدى.

ئۇ نەقەدەر ئۇلۇغۋار ئارزۇ − «جۇڭگو لايىھەسى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.» نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ نەزەرىيەۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە نىشانى، يولىنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

ئۇ نېمىدېگەن قىزغىن ئىنكاس − 47 مىنۇتلۇق نۇتۇق داۋامىدا 30 قېتىمدىن ئارتۇق ئالقىش ياڭرىدى. ھالقىلىق يېرىگە كەلگەندە، بىر جۈملىدە بىر قېتىم دېگۈدەك ئالقىش ياڭرىدى. 71 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى پېتېر تومسون مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش «ئىنسانىيەتنىڭ بۇ پىلانېتادىكى بىردىنبىر كەلگۈسى».

ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئىچىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش؛ پاراكەندىچىلىك ئىچىدە، چوڭ ۋەزىيەتتىن تولۇق خەۋەردار بولۇش. 2013 - يىلى 3 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئىنسانىيەتنىڭ بارغانسېرى «بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان، ئۆزئارا سىڭىشكەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى»گە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ 70 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىگە قاتناشقاندا، يەنە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى، خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى، تەرەققىيات ئىستىقبالى، مەدەنىيلىك ئالاقىسى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي يولى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2013 - يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ بىر قاتار ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا يەنە ئەتراپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان، جۇڭگو - ئافرىقا، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى، دېڭىز - ئوكيان، يادرو بىخەتەرلىكى، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە جۇڭگو - پاكىستان، جۇڭگو - كامبودژا قاتارلىق ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك تەشەببۇسنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى، ئەمەلىيەت يولىمۇ كۈنسېرى روشەنلەشتى.

2020 - يىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەر شارىدا يامرىغان مۈشكۈل پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە دۇنياغا ئىنسانىيەت سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال ئاتلىنىپ، يەر شارىۋى ئاممىۋى سەھىيە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ئورتاق قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. جۇڭگو يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك يەر شارىۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوزغاپ، 150 نەچچە دۆلەت ۋە ئون خەلقئارا تەشكىلاتنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى، 34 دۆلەتكە 36 داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى.

«بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىن، بىز ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭلا يەر شارىۋى كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى توغرا تاللاش ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق» دېدى ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ستېفېن پېررى.

«يەر شارىۋىلاشقان دەۋردە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتى بارغانسېرى زىچ باغلاندى.» فىرانسىيە پارىژ 8 - داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى پىير پىكار مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە بەخت - سائادىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم پەلسەپەۋى ئىدىيەلەرنىڭ بىرى.

بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئاۋامنى كۆزلەشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش

كۆرگەزمە رايونىدا پۈتۈن مۇساپىلىك مۇداپىئە كۆرۈش، كۆرگەزمىدىن ئىلگىرى مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىۋېتىش، كۆپ قېتىم نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش... جۇڭگو تەرەپ ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى كۆرگەزمە سودىگەرلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، 2020 - يىلى 11 - ئايدا قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ، 150 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 3600دىن ئارتۇق كارخانىنى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، يۇقۇم تۇمانى ئىچىدە قالغان يەر شارىۋى بازاردىكى گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.

«جۇڭگو ئىمپورت كۆرگەزمىسىدىن پايدىلىنىپ ئېچىۋېتىش ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، بۇ بىزگە غايەت زور ئىلھام بولدى.» «يۇقۇم شارائىتىدا، جۇڭگوغا بېرىش مۇقەررەركى ئەڭ ئىشەنچلىك تاللاش.» كۆرگەزمىگە قاتناشقان چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ باھاسىغا جۇڭگونىڭ لەۋزىدە تۇرۇپ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغانلىقى، سۆزىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىسپاتلىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن قايىل بولغانلىقى مۇجەسسەملەنگەن.

ھەقىقەت يولى ئاددىي، ئەمەلىي ئىشلەش ھەممىدىن مۇھىم. رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ھەرىكەتتە، دېدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دەل رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى بولۇپ تەشەببۇس قىلىپ قۇرغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم ئەمەلىيەت سۇپىسى. يەتتە يىل ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە ئۆزگىرىپ، بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ قارشى ئېلىنغان ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندى. جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىدىن كەسىپلەر باغچە رايونى ھەمكارلىقىغىچە، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولىدىن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغىچە، پىرائېئۇس پورتىدىن خامبانتوتا پورتىغىچە بولغان زور بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈر ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى ھەرقايسى چوڭ قۇرۇقلۇقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ ئوكيانلارنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق تورى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

«رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ۋە <بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسى ھەمكارلىق، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ چىن مەنىسىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، دۇنيا خەلقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈردى» دېدى پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى.

«ئەخلاقلىق ئادەم يالغۇز قالمايدۇ، مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان ئادەم جەزمەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدۇ.» يۇقۇم شارائىتىدا، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقى تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. 2020 - يىلىنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن بولغان سودا سوممىسى 5 تىرىليون 860 مىليارد يۈەنگە يەتتى. 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ بېشىغىچە، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 10 مىڭ قېتىم قاتناش ئۆتكىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، توشۇلغان كونتېينېر سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %50تىن كۆپرەك ئاشتى. ئالدىراش «پولات كارۋان» دەل خەۋپ - خەتەر ئالدىدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەنلىكى، تەقدىرداش بولغانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات - پىلان مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى ستېينېر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپلا قالماي، يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، كەلگۈسى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى بەرپا قىلدى.

بۇ يېڭى مەنزىلدە نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش بولۇشقا تېگىشلىك زۆرۈر مەزمۇن. جەنۋەدە، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ «تەييار پويىزى»غا ئولتۇرۇشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان يىللىق ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتىنى %30 ئەتراپىدا ساقلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ۋە پۇرسەت بىلەن سىجىل تەمىنلىدى. جۇڭگو توغرا ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى نەتىجىلىرىنى تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىپ قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، نامراتلىق، قالاقلىققا جەڭ ئېلان قىلىپ، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈردى.

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، بىر مۇھىم خەۋەر تېزلىكتە دۇنياغا تارقالدى: جۇڭگو - ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتى قەرەلىدە تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى! بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر يېرىم ئايدا، جۇڭگو ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئون دۆلەت بىلەن «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى رەسمىي ئىمزالىدى. چەت ئەل تاراتقۇسى ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: بۇ، يەككە تەرەپچىللىك، قورۇقچىلىققا بېرىلگەن كۈچلۈك قايتۇرما زەربە، كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ مۇھىم، زور غەلىبىسى.

«جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ» «قورۇقچىلىق ئۆزىنى قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويغانلىق، قارىماققا بوران - چاپقۇندىن دالدىلانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما قۇياش نۇرى ۋە ھاۋادىن ئايرىلىپ قالىدۇ» «جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقىلىپ قالمايدۇ، پەقەت بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يول باشلىشى بىلەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو قارشى شامال ۋە قايتما دولقۇندىن قورقماي، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلاندى.

«جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكىگە ئايلاندى، ھالبۇكى بىزنىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىمىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» دېدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس.

خەلقنى كۆزلەپ داغدام يولدا مېڭىش

يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە، ئىنسانىيەت ئۆزىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟ دۇنيا نەگە بارىدۇ؟ 21 - ئەسىرنىڭ ئۈچىنچى ئون يىلىنىڭ باشلىنىش پەللىسىدە، تۈرلۈك ئىختىلاپ، قارشىلىشىش ۋە گاڭگىراشلار ئالدىدا، كىشىلەر جاۋابقا تەقەززا بولماقتا.

تۆت يىل ئىلگىرىكى ۋاقىتنى ئەسلىسەك، رەئىس شى جىنپىڭ ۋەنگو سارىيىنىڭ مۇنبىرىدە كىشىلەرگە مۇنداق ئۇقتۇرغان: دۇنيادا مۇتلەق بىخەتەر غايىۋى ماكان يوق، بىر دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ داۋالغۇشى ئۈستىگە قۇرۇلماسلىقى كېرەك، باشقا دۆلەتلەرگە سېلىنغان تەھدىت ئۆز دۆلىتىنىڭ خىرىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئالايىتەن مۇنداق كۆرسەتتى: «قۇش زۇكىمى، ئېبولا، زىكا قاتارلىق يۇقۇملار خەلقئارا سەھىيە بىخەتەرلىكىگە ئۈزلۈكسىز ئاگاھ سىگنالى چالدى».

بۈگۈنكى كۈندە، «ئاگاھ سىگنالى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنە بىر قېتىم ياڭرىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىر ئەسىردىن بۇيانقى پۈتۈن يەر شارىدىكى ئەڭ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا تەرتىپكە مىسلىسىز زەربە ئېلىپ كەلدى. ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ 2020 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى يۈرۈشلۈك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان مەزگىلدە كۆپ مەيدان مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو تەشەببۇسىنى شەرھلەپ، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى كىچىك چەمبىرەك ۋە نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىش تەپەككۇرىدىن ھالقىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغداپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، دۇنيا تەقدىرىنى ئورتاق ئىگىلەشكە مۇراجىئەت قىلدى، ئۇنىڭ روھى، ئاساسىي مەقسىتى جەنۋەدىكى نۇتقى بىلەن باشتىن - ئاخىر تومۇرداش بولۇپ، كەڭ ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى.

«ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمدىن كېيىنكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ <يېشىل قايتا جانلىنىشى>غا تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.» يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنى ئورتاق بىللە ياشايدىغان، ئورتاق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسى.

مەيلى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغان «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ياكى يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش بولسۇن، مەيلى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش ياكى جۇڭگونىڭ «تىرىشىپ 2030 - يىلىدىن بۇرۇن كاربون(IV) ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈپ، 2060 - يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش»تىن ئىبارەت تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بولسۇن، رەئىس شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر يىراقنى كۆزلەپ، جۇڭگونى يېتەكلەپ پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قەتئىي ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

«جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ناھايىتى نەتىجە - ئۈنۈملۈك بولۇپلا قالماي، يەنە باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەجرىبىلەردىن تەڭ بەھرىلەندى، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى، بۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى نامايان قىلدى» دېدى ماراكەش ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ناسىر بۇشىبە.

«داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ.» بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا كۆپ قېتىم نەقىل كەلتۈرگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى سۆزى. جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىكى «ئىناق ھەمكارلىشىپ، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش» «پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش»نى تەكىتلەش، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، مىللەتلەرنىڭ «گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشى» «دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكى»نى قەدىرلەش ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشكەن مەدەنىيەت گېنىغا ئايلاندى.

ھالبۇكى، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى خەلقئارا تەرتىپنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئەندىزىدە مۇھىم، زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بەزى كىشىلەر بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، كونىلىققا ئېسىلىۋېلىپ «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى سەپسەتىسى» «ئىرقىي ئەۋزەللىك سەپسەتىسى» «بىر دۆلەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سەپسەتىسى» قاتارلىقلارنى تەرغىب قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ بىر تەرەپلىمە قاراش، ئارازلىق ۋە ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى.

تۆت يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ كۆپلىگەن خەلقئارا سورۇندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقى دۇنيانىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتمەس بۇلىقى. مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق رەڭدارلىشىدۇ، مەدەنىيلىك ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق بېيىيدۇ. «پەقەت كۆپ خىللىق ئىچىدە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئىناق، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندىلا، بۇ دۇنيا ئاندىن مول مەزمۇنغا تولىدۇ، گۈللەپ ياشنايدۇ».

شەرقنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن جۇڭگو سۆزى، تارىخىي ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىدىغان چوڭقۇر ئىجادىي پىكىر تىنچلىقنى سۆيىدىغان، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلىدىغان كەڭ كىشىلەردە ئورتاق سادا ھاسىل قىلدى. ئەنگلىيەلىك ئالىم مارتىن ياك مۇنداق دېدى: «جۇڭگو بىر خىل <يېڭى ئېھتىماللىق> بىلەن تەمىنلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مەدەنىي تەرەققىيات يېڭى يولىنى ئاچتى. بۇ، ئىلگىرى كىشىلەر قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىجادىي ھەرىكەت، شۇنداقلا دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئۇلۇغ ئىجادىيەت».

«باھارنىڭ سىياقىنى ھەركىم كۆرۈپ يېتىدۇ، باھار شامىلى ئۆتكەندە سىيپاپ، ھەممە گۈللەر رەڭگارەڭ ئېچىلىدۇ.» جەنۋە ۋەنگو سارىيىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك نۇتۇق ئاساسىي نۇقتا قىلىنىپ، تارىخقا نەزەر سېلىندى، ھازىر كۆزىتىلدى، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاندى. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىگە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتى ۋە ئورتاق مەسئۇلىيىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ چوڭقۇر ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، مۇقەررەركى، قۇدرەتلىك مەدەنىيلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنيانى تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.