بۇ 1-ئاينىڭ 17-كۈنى خەينەن لېدۇڭ يىڭگې دېڭىز تۇز مەيدانىدا سۈرەتكە تارتىلغان قارا باش ئۇقار.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، خەيكۇ دوتەن سۇلۇق يەر تەتقىقات ئورنى ۋە خەينەن قۇش تاماشا قىلىش جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى 2021-يىلى خەينەندە قىشلايدىغان سۇ قۇشلىرىنى تەكشۈرگەندە، خەينەننىڭ لېدۇڭ يىڭگې دېڭىز تۇز مەيدانىدا بىر نەچچە قارا باش ئۇقارنى بايقىدى. قارا باش ئۇقار دۇنيا بويىچە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق قۇش تۈرى، شۇنداقلا دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پۇ شياۋشۈ فوتوسى