تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا داۋاملىق ئۆرلەپ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃2- بولىدۇ

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى ( مۇخبىر لياڭ لې خەۋەر قىلىدۇ)  شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە كۆرۈنەرلىك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كۆرۈلمەيدىغان بولۇپ، تېمپېراتۇرا مۇقىم بولىدىكەن، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئاساسلىق شەھەر رايونىدا كۈندۈزدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا℃2- تىن ℃7قىچە بولىدىكەن، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃10- ئەتراپىدا بولىدىكەن، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. مۇشۇ ھەپتىنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، شەھەر رايونىدا ئازراق قار يېغىشى مۇمكىن ئىكەن، تېمپېراتۇرا ئۆزگىرىشى چوڭ بولمايدىكەن، تۆۋەن تېمپېراتۇرا كۆپىنچە ℃10- ئىچىدە بولىدىكەن.

ئاپتونوم رايون مىقياسىدىن قارىغاندا، بۇ ھەپتىدە كەڭ كۆلەمدە قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىكەن، ھەر قايسى جايلاردا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا مۇقىم ئۆرلەيدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى