تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ئىستۇدىيەدىن تارقالغان دەۋر مېلودىيەسى

يېقىندا شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاخبارات ئۇنىۋېرسال قانىلىدا يېڭىچە ئۇسلۇبتا مەيدانغا كەلگەن «ئىستۇدىيەگە كىم كەلدى» پىروگراممىسى قويۇلۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ پىروگرامما يەنە كەڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ھەۋەسكارلار پىروگراممىدىكى تەكلىپلىك مېھماندىن سوئال سوراش، مەستانىلەر ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىق ھەمتۈرتكە پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىناقلىققا تولغان جۇشقۇن دەۋر مېلودىيەسىنى ياڭراتتى.

   ئىگىلىنىشچە، بۇ پىروگراممىنى شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن شىنجاڭ ئۆزكۈي مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ھەر مىللەت ناخشىچىلار ئاساس قىلىنغان، ۋەتەنپەرۋەرلىك، يۇرتنى سۆيۈش، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق، دوستلۇق، مۇھەببەت باش تېما قىلىنغان ئېكراندىن ھالقىغان كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرىسال سەنئەت پىروگراممىسى ئىكەن. پىروگراممىدا جانلىق شەخس، تىپىك ھېكايە، نادىر ناخشا-كۈيلەر ئارقىلىق ئىتتىپاق-ئىناق، باي-باياشات يېڭى دەۋرنى كۈيلەيدىغان مول مەدەنىيەت ئاساسى بار بولۇپ، ئامما ياقتۇرىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ خۇشال-خۇرام، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشى مەدھىيەلىنىپ، بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى نامايان قىلىنىدىكەن.
   بۇ پىروگراممىدا يۇغۇرما تاراتقۇ ئەندىزىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلغان بولۇپ، تېلېۋىزىيەدە قويۇلۇشتىن باشقا يەنە، يېڭىچە تاراتقۇ سۇپىسى بولغان تور، دوۋيىن، ۋېيشىن، APP قاتارلىقلاردا كەڭ تارقىتىلغان، ھازىرغىچە كۆرۈلۈش قېتىم سانى 20 مىليون قېتىمدىن ئاشقان.

  قورغاس ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىن پېنسىيەگە چىققان مەخپۇزەم پىروگراممىدا ئېيتىلغان ناخشىغا جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشتى.

  چۆچەك شەھىرى ئاھالسى سەنۇبەر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تېلېۋىزوردىن پىروگراممىنى كۆرمەكتە.

  ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى پىروگراممىدا ئېيتىلغان ناخشىغا جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە تارقاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى