تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقامان ئىرىسقوجا — دومبىرا ياساشقا ئىشتىياق باغلىغان ھۈنەرۋەن

  دومبىرا قازاق مىللىتى خەلقىنىڭ ئارىسىغا كەڭ تارقالغان چالغۇلىرىنىڭ بىرى، ئۇنىڭ مۇزىكىلىق رىتىمى تولىمۇ مۇڭلۇق بولۇپ، چارۋىچىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.

  قازاق مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا «دومبىرا مەدەنىيىتى» چوڭقۇر ئويۇلغان، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭغا ئەمگەكچان، ئاقكۆڭۈل خەلقنىڭ ئىشەنچى مۇجەسسەملەنگەن. قازاق خەلقىنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

  بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ئاقامان ئىرىسقوجا تېكەس ناھىيەسى تېكەس بازىرى ئاقتاس كەنتىدىكى ئاددىي بىر چارۋىچى. بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، مۇخبىر ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ دومبىرا ياڭراتقۇسىنى ئويۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇنىڭ «ھۈنەرخانىسى»غا نۇرغۇنلىغان ياساپ پۈتكەن ۋە يېرىمى پۈتكەن دومبىرالار تىزىلغانىدى. ئاقامان ئىرىسقوجا دومبىرا ياساشنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭ 24 ياش ۋاقتىدىكى بىر تاساددىپىي پۇرسەتتە، كەنتتە بىر پېشقەدەم ئۇستىنىڭ دومبىرا ياساۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇ چاغدىن باشلاپ دومبىرا ياساشقا قىزىقىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھەر كۈنى پېشقەدەم ئۇستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ دومبىرا ياساش ھۈنىرىنى ئۆگەنگەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈندە ئاقامانمۇ دومبىرا ياساش ئۇستىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. «مەن كىچىكىمدىن دومبىرا چېلىشنى ياخشى كۆرىمەن، دومبىرا بىز قازاقلارنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋابى، شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، شۇڭا مەن ئەنئەنىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىمەن» دېدى ئۇ.

  دومبىرا قازاقلارنىڭ قەدىمكى چالغۇلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كاناي ساندۇقى قارىغاي ياغىچى ياكى قېيىن ياغىچىدىن ياسىلىدۇ، ياپىلاق ياكى چۆمۈچ شەكلىدە، چالغۇ دەستىسى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولىدۇ. دومبىرا ياساش ھۈنەر-سەنئىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ماتېرىيال تاللاش، قاقلاش، چاپلاش، سىلىقلاش، ئويۇش، رەڭ بېرىش، قۇرۇتۇش قاتارلىق ھەربىر ئىش تەرتىپىدە ئاقامان قىلچە بىپەرۋالىق قىلمايدۇ. ئاقاماننىڭ ئاساسلىق كەسپى باقمىچىلىق بولۇپ، دومبىرا ياساش ئىشلىرىنى دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قىلىدۇ.

  ئاقامان چالغۇ ياساشتا پىشقان بولۇپ، ئۇ ياسىغان دومبىرا نەپىس، كۆركەم بولۇپلا قالماي يەنە، ئاۋاز سۈپىتى توغرا بولغاچقا، دومبىرا چالغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى.

  كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنگۈل جاقان مۇنداق دېدى: ئاقامان ياسىغان دۇمبۇرا ناھايىتى پۇختا، ئاۋازىمۇ ناھايىتى يېقىملىق، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇنىڭدىن چوڭ قىزىمغا بىرنى سېتىۋالدىم، بۇ قېتىم كىچىك قىزىمغا دومبىرا زاكاز قىلماقچى بولۇۋاتىمەن.

  ئاقامان ئىرىسقوجا مۇنداق دېدى: «مەن يازدا باقمىچىلىق قىلىمەن، قىشتا دومبىرا ياسايمەن، چۈنكى مەن دومبىرانى ياخشى ياسايمەن، سېتىۋالىدىغانلارمۇ كۆپ، مەن بىر قىشتا 10 دومبىرا ساتسام، 10 مىڭ يۈەندەك پۇل تاپالايمەن».

  تېكەس ناھىيەسىدىكى ھەربىر قازاق ئائىلىسىدە دومبىرا بار، دومبىرا قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇسى بولۇپ، بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ ياساش ھۈنەر-سەنئىتىگە قانداق ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش ئاقاماننىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. «مەن بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى شاگىرت قوبۇل قىلىپ، بۇ ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن» دېدى ئاقامان.

مەنبە: تېكەس ناھىيەسى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى 

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى