تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مىليون كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى قۇراشتۇرۇشنى تاماملايمىز

بايان قىلغۇچى: دۆلەت ئېلېكتىر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى شىنجاڭ ئېنېرگىيە خىمىيە سانائىتى مورى يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ ۋېيدۇڭ

بەش يىل ئىلگىرى، شىركىتىمىز مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە ئورۇنلىشىپ، نۇرغۇن يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ئېچىش، قۇرۇش ۋە تىجارەت قىلىشنى قانات يايدۇرغانىدى، نۆۋەتتە مورىدا 400 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىنى تاماملىدۇق. بولۇپمۇ 2020 - يىلى بىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىپ، مورى لاۋجۈنمياۋ شامال رايونىدا 4 - قارارلىق 200 مىڭ كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىنى چىڭ تۇتۇپ قۇرۇپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا تورلاشتۇرۇپ توك تارقاتتۇق. 4 - قارارلىق تۈر پۈتكەندىن كېيىن يىللىق توردىكى توك مىقدارى تەخمىنەن 510 مىليون كىلوۋات سائەت بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپىدە يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تېزدىن زورايتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، يېڭى ئېنېرگىيە كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى پايدىلىق. گۇرۇھ شىركەت دۆلەت شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىر ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى يېڭى ئېنېرگىيە بازىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە بىز يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن بىلەن كۆپ تۈردە قۇرۇلۇش ھەمكارلىق مۇددىئاسى ھاسىل قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا، شىركەتتىكى خادىملارنى يېتەكلەپ، 1 مىليون كىلوۋاتتىن يۇقىرى يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى قۇراشتۇرۇشنى تاماملاشقا ئىشەنچىم بار.

(ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ يۆ رەتلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى