تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇلتۇر قورغاستىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 - يىلى قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 4032گە يېتىپ، شىنجاڭدىن كىرىپ چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 3 مىليون 682 مىڭ 200 توننىغا يېتىپ، ئىككىلىسىدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرغان.

2020 - يىلى قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن - چىققان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 4722گە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.8 ئاشتى، سودا سوممىسى 26 مىليارد 436 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.6 ئاشتى.

قورغاستىكى مەلۇم خەلقئارا يۈك تىرانسپورت شىركىتىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى تاڭ چېنتاۋ مۇنداق بىلدۈردى: قورغاس تۆمۈريول پورتىنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى مەركىزىي شەھەرلەر بىلەن بولغان توشۇش ئارىلىقى قىسقا، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش سىياسىتى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرى قوشۇلۇپ، بارغانسېرى كۆپ كارخانا بۇ جاي ئارقىلىق چېگرادىن چىقىرىشنى تاللىدى.

قورغاس تاموژنىسى تۈرلۈك دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەترىتىدىكى خادىملارنىڭ ۋوگزالدا تۇرۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۆمۈريول مال تىزىملىكى يېڭى سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، مال تىزىملىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى پۈتۈن كۈنلۈك ئالدىن كېلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

قورغاس تاموژنىسى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 3 - بۆلۈمىنىڭ تاموژنا خادىمى نۇرزادە ئىمىن مۇنداق دېدى: «2020 - يىلى پورتتا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىز لىنىيەسى ئەسلىدىكى 16دىن 21گە كۆپەيتىلدى، كارخانىلار تاللىسا بولىدىغان لىنىيە يەنىمۇ كېڭەيتىلدى، توشۇلىدىغان ماللارمۇ قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار ۋە كۆپ مىقدارلىق بايلىق خاراكتېرلىك تاۋارلارنى ئاساس قىلدى».

تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020 - يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 12 مىڭ 400 قېتىم قاتنىغان بولۇپ، بۇ، ھەر 43 مىنۇتتا بىر نۆۋەتچى پويىز قاتنىغانغا باراۋەر بولغان. دۇنيا تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنايدىغان دۆلەتلەر كۆپ، توشۇش مىقدارى زور، باھاسى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇراقلىقلىقى كۈچلۈك بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە يەر شارىۋى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.