تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ تۇڭلۇننىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ تۇڭلۇنگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىڭىزدىن خۇشال بولدۇم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزنى ھەم سىز ئارقىلىق لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 10 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى بېنياڭ باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، لائوسنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، سىياسىيسى، جەمئىيىتى مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى سىجىل تەرەققىي قىلدى، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. يېڭى ۋەزىيەتتە، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 11 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلغانلىقى مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجى تۇڭلۇن باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، لائوس پارتىيەسى چوقۇم لائوس خەلقىنى يېتەكلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، پائال ئىلگىرىلەپ، لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.

جۇڭگو بىلەن لائوس تاغ - دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەت. ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى ۋە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئۈزلۈكسىز بەخت ياراتتى. دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىرگەن ۋەزىيەتتە، مەن يولداش باش شۇجى تۇڭلۇن بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - لائوس ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

سىزنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ئورنىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.