تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشلىرى %69نى ئىگىلىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش بايلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش پىلانلاپ تەقسىملەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدىكى كۆپ تەرەپتىن، كۆپ قاتلامدىن، قايتا-قايتا تەكرارلانغان قانۇن ئىجرا قىلىش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قانۇن بويىچە قوغداشنى تېخىمۇ سالمىقى بار قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشلىرى تىزىملىكى (2020-يىللىق نۇسخىسى) (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تىزىملىك» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

«تىزىملىك»تە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش ۋە بىر قىسىم قانۇن-نىزام، قائىدە چىقىرىش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش، ئىزاھلاش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش تارماقلىرى قانۇن بويىچە يولغا قويغان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشلىرى تەپسىلىيلەشتۈرۈلگەن، تولۇقلانغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشلىرىدىن جەمئىي 178 تۈر بېكىتىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە مەمۇرىي جازا ئىشلىرىدىن 163 تۈر، مەمۇرىي مەجبۇرلاش ئىشلىرىدىن 15 تۈر بار. بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي بايلىق، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، سۇچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق قاتارلىق تارماقلار تەرىپىدىن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگىنى سەككىز تۈر بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت چېگراسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېنىق ئايرىلىپ، چېگراسى ئېنىق، ماسلاشقان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇندى.

«تىزىملىك»تە 178 تۈردىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشلارنىڭ نامى، ۋەزىپە-ھوقۇق تۈرى، يولغا قويۇش ئاساسى، يولغا قويۇش سۇبيېكتى ۋە مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدە «ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغانلارنى تىزىملىككە قاراپ جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلارنى تىزىملىككە قاراپ جاۋابكارلىققا تارتىش»تىن ئىبارەت مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن ئىجرا قىلىشى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىنغان. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىرىنچى مەسئۇلىيەت قاتلىمى بولۇش سۈپىتىدە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشلىرىنىڭ %69ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ «قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش» توغرىسىدىكى ئالاقىدار تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھات خىزمىتى ۋەزىيىتىگە تولۇق ماسلاشقان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن ئىجرا قىلىش ئىشلىرى تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. «تىزىملىك» ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەم قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابى، ھەم مەسئۇلىيەتنامە. كېيىنكى قەدەمدە ئاپتونوم رايونىمىز «تىزىملىك»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ۋە ئۇنى ياخشى قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى