تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شەكىلۋازلىق ئىللەتلىرىنى تۈگىتىش ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىش

− 2020-يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقى، كېڭەيتكەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، ۋاڭ چى، سۈن شاۋلۇڭ

2020 - يىلىنىڭ يىل ئاخىرىدا، «شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» ناملىق بىر پارچە دوكلات مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىغا قاتناشقان يولداشلارنىڭ ئۈستىلىگە قويۇلدى.

بۇ، 2019 - يىلىدىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىشى ھېسابلىنىدۇ.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى كۈچەپ يېنىكلىتىپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈپ، نىشانلىق داۋالاپ، بىرىكمە مۇشت ئېتىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى».

ئەمەلىي، ئورۇنلۇق باھا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشتىكى مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ بەردى. بىر يىلدىن بۇيان، بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما، تەدبىرلەر شەكىلۋازلىق ئىللەتلىرىنى تۈگىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېغىر يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى شەكىلۋازلىق ئاسارىتىدىن كۈنسېرى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتا پۇت - قولىنى تېخىمۇ بوشىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

چەكسىز غەمخورلۇق: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى

ئىستىل قۇرۇلۇشى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم بۆسۈش ئېغىزى. ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مۇساپىسى ئوتتۇرا ئېقىنغا كەلگەندە دىققەتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.

ۋاقىتنى بىر يىلدىن ئارتۇق ئالدىغا سۈرەيلى. 2019 - يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۇنجى «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى». بۇ بىر يىلدا ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش نەتىجە - ئۈنۈمى ئىنتايىن روشەن بولدى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىنكاسى قىزغىن بولدى.

«بۇ خىزمەت يامان ئەمەس ئىشلەندى، لېكىن پەقەت بىر يىلنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئىش باشلىنىپ بولدى، ئەمدى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىننىڭ بىر ۋاقىتلارغا كەلگەندە يەنە قايتا باش كۆتۈرۈشىگە يول قويماي، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش نەتىجىلىرىدىن خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ ياخشى نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك».

شۇ يىلى يىل ئاخىرىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى» باشلانغان شۇ يىلدىكى خىزمەت نەتىجە - ئۈنۈمىنى خۇلاسىلىدى، ھەم 2020 - يىلىدىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن يېڭى بىر يىلدىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇنى چوڭقۇر بىلىدۇكى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىللەتلىرى بىر كۈندىلا شەكىللەنگەن ئەمەس، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يىلتىزىدىن يېنىكلىتىشتە بىر كۈندىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئىدىيەدە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن ھەرىكەتتە سىجىل ئەمەلىي تۇتقىلى، پۇختا تۇتقىلى بولىدۇ.

2020 - يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىملىق مۇھىم يىغىنىدا كەڭ كادىرلارغا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئاگاھ سىگنالىنى ياڭراتتى.

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خۇلاسە يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دەل جايىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «بەزى جايلاردا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، ئىشنى پۈتكۈزۈشكە ئالدىراش، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى قوغلىشىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت».

بىرنەچچە كۈندىن كېيىنكى 2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېنىق تۈزۈم يۆنىلىشى ئارقىلىق كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان پۇت - قولىنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئاسارىتىدىن، <سىرتمىقى>دىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل، پاك - دۇرۇس بولغان يېڭى ئىستىل، دۇرۇس كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك».

كۈچلۈك، قاتتىق چارە - تەدبىرلەر، جاراڭلىق سۆزلەر. يېڭى يىلنىڭ بېشىدىكى ئىككى قېتىملىق مۇھىم سۆز يەنە بىر قېتىم پۈتۈن پارتىيەگە شۇنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى − ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا جەزمەن توختىماي تىرىشىش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش يىلىدا، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى بىر مەھەل ئالدىرىتىپ قويدى، كۆپچىلىكنىڭ خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق بولدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، بەزى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنىڭ يوشۇرۇن، ئۆزگەرگەن، قايتا باش كۆتۈرگەن ئالامەتلىرى يەنە كۆرۈلدى.

«بەزى جايلاردىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك سەھىيە - ساغلاملىق ئىدارىسى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى، ھۆكۈمەت ئىشخانىسى، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مائارىپ ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا بىر ياكى بىرنەچچە جەدۋەل تۈزۈپ چىقىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تولدۇرۇشىنى ھەم تېزدىن يوللىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ جەدۋەللەرنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىيەتتە ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن بىرمۇ ھۆججەت، بىرمۇ تارماقنىڭ يېزا - بازارلار جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ھېچبولمىغاندا بىرەر ماسكا، بىرەر قۇتا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرگىنى يوق»!

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قىسىم رايونلاردا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا كۆرۈلگەن شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قارىتىدىغان قىلىش كېرەك، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئۇسۇلى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىشكە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش زېھنىنى خورىتىۋېتىشكە بولمايدۇ».

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن كەلگەن ئىللىقلىق، غەمخورلۇق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقۇم ئالۋاستىسىغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتتى.

2020 - يىلى ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە بىر يىل بولدى. مەيلى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش بولسۇن، ياكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش بولسۇن، ھەربىر تۈرلۈك ۋەزىپىنىڭ ھەممىسى قاتتىق قىيىنچىلىق بولۇپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشىغا، غەلىبە قىلمىغۇچە قايتماسلىقىغا موھتاج.

2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

«جېجياڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكى، بىر قىسىم جايلاردا نورمال گۈللىنىش مەنزىرىسىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى»دىن مەمنۇن بولۇش بىلەن بىللە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشى ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى سىنايدىغان ھەقىقىي سىناق»، «دىققەتنى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش - كۆزىتىش، نىشانلىق داۋالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا سەرپ قىلدۇرۇش كېرەك».

شۇنىڭدىن باشلاپ «كادىرلارنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا سەرپ قىلدۇرۇش» 2020 - يىلى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشكە سىڭدۈرۈلگەن ئاساسىي لىنىيەگە ئايلاندى.

بىر يىلدىن بۇيان، مەيلى مۇھىم يىغىنلارغا قاتناشسۇن ياكى جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولسۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى −

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئالدىدا، باش شۇجى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: «ھەرقايسى لىنىيەلەردە ئاساسىي قاتلامغا كۆپ تەرەپتىن، قايتا - قايتا ۋەزىپە چۈشۈرۈش، جەدۋەل تەلەپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئۇسۇللىرىنى قەتئىي تۈزىتىپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشقا سەرپ قىلدۇرۇش كېرەك».

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتا، باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، خىزمەت، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كاپالەتنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلامدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرىنى باشقىچە خىياللاردا بولماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە ئاتلاندۇرۇش كېرەك».

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا، باش شۇجى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك»...

بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىزچىل تۈردە ئەھمىيەت بېرىشىدىن بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشەنچى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئاخىرغىچە چىڭ تۇتىدىغان كۈچلۈك غەيرىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى كۆردۇق».

ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇش: ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، كېڭەيتىلدى

«<ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى> ئاساسىي قاتلامنىڭ نۇرغۇن يۈكىنى ھەقىقەتەن يېنىكلەتتى، لېكىن يەر يۈزىنىلا نەمدىگەن يامغۇر بولۇپ قېلىپ، شامال ئۆتۈپ كەتسىلا قايتا باش كۆتۈرەمدۇ - يوق؟» دېگەن بۇ مەسىلە بىر مەھەل ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن كادىرنىڭ كۆڭلىنى «دېلىغۇل» قىلدى.

2020 - يىلى 4 - ئايدا، بىر ۋاراق ئۇقتۇرۇش كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزدى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتقان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى سىجىل ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

«شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىشنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاش» «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزىتىش» «تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىننىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش»...

سەككىز جەھەتتىكى تەلەپ جاراڭلىق بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىشى بىلەنلا، خىزمەتداشلارنىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە دەرھال <ئېكراننى قاپلىدى>.» خۇبېي ئۆلكىسى شيەننىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى بىر ئاساسىي قاتلام كادىرى مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئاساسىي قاتلام پارتىيەلىك كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ، ئېنىقكى «دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر» بولدى.

«دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر» دېگەنلىك ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دېگەنلىكتۇر.

«2020 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، مەن رايونغا پەقەت ئىككى قېتىم بېرىپ يىغىنغا قاتناشتىم» دېدى يۈننەن ئۆلكىسى كۇنمىڭ شەھىرى ۋۇخۇا رايونىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى چېن يەنكۇن.

ئۇزاقتىن بۇيان، «تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىن»لار نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ «قەلبىدىكى ئازابى» بولۇپ كەلدى. ئىلگىرى، چېن يەنكۇن چۈشكىچە ئۈچ قېتىم يىغىنغا قاتنىشاتتى، دائىم يىغىن ئۈچۈن رۇخسەت سوراپ بېشى قاتاتتى. بۈگۈنكى كۈندە يىغىن ئازايدى، مەھەللىلەرگە كىرىدىغان، ئەلرايىنى ئىگىلەيدىغان ۋاقىتمۇ تەبىئىيلا تېخىمۇ كۆپەيدى.

«ھېسابات تۇرغۇزۇش، قاتتىق باشقۇرۇش، ئېغىشنى تۈزىتىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش» چارىسىنى ئورنىتىش؛ ھۆججەت تارقىتىپ يىغىن ئېچىشتىكى «سەلبىي تىزىملىك»نى چىقىرىش؛ ساننى ئازايتىش، خادىملارنى ئازايتىش، قارالمىنى ئازايتىش، ۋاقىتنى ئازايتىش، ھەجىمنى ئازايتىشتىن ئىبارەت «بەشنى ئازايتىش» تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش... بىر يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار بەس - بەستە كاللىسىنى ئىشلىتىپ، «تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىن»لارنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى قەتئىي توسۇپ، ھۆججەت، يىغىنلارنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات دەل ئۆزگىرىشنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى: 2020 - يىلى 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياكى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى نامىدا تارقىتىلغان ھۆججەت ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %33.7 تۆۋەنلىگەن؛ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ ھۆججەت ۋە يىغىن سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %27.7 ۋە %29.5 تۆۋەنلىگەن؛ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت ۋە يىغىن سانى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %14.3 ۋە %59.7 تۆۋەنلىگەن.

ھۆججەتنى ئىخچاملاش، يىغىننى ئازايتىشتىكى قاتتىق ئۆلچەمنى ساقلاش ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.

گەنسۇ ئۆلكىسى مىنچىن ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام كادىرى چيۇ شۈمېي ئۈچۈن ئېيتقاندا، يۈكنى يېنىكلىتىشتىكى «ئېرىشىش تۇيغۇسى» تۈرلۈك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش تۈرلىرىنىڭ ئازايتىلىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇلۇشىدىن كەلگەن.

«2019 - يىلى تۈرلۈك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش تۈرىدىن 41ى بار ئىدى، 2020 - يىلى پەقەت 30 تۈر ساقلاپ قېلىندى.» چيۇ شۈمېي مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كەلسە دوكلات ئاڭلىماي، ماتېرىيال كۆرمەي، خىزمەت سۈرئىتى، مەسىلىلەرنى ئۆزلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئىگىلەپ، ھەم نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئەھۋالىنىڭ ھەقىقىي بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ھەم تەكشۈرۈلىدىغان تارماقلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتمىدى.

كىچىككىنە ئالامەتتىن ئومۇمىيەتنى بىلگىلى بولىدۇ. 2020 - يىلىنىڭ يىل بېشىدا، پىلانغا كىرگۈزۈلگەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىش تۈرلىرى 2019 - يىلىدىكى 96 تۈردىن 50 تۈرگە ئازايتىلدى؛ ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈلگەن ئىش تۈرلىرى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %30 ئازايتىلدى؛ بەزى «مەركىزىي كومىتېت باش بولغان» «گوۋۇيۈەن باش بولغان» نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاشتا يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، «ئالاقە تورى + نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش» بويىچە مەسىلە يىپ ئۇچىنى تەكشۈرۈش، ئېنىقلاش، بېجىرىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ قويۇشقىلا، ئېغىزدا دەپ قويۇشقىلا بولمايدۇ، جەزمەن ھەقىقىي، كۈچلۈك ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇشى كېرەك.

2020 - يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش «ئايلىق دوكلات»نى ئېلان قىلغاندا، تۇنجى قېتىم بىر مۇھىم سانلىق مەلۇمات − شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان روشەن سىگنال تارقاتتى.

بۇ، مەركەز قاتلىمىدا شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ، نىشانلىق داۋالىغانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى.

پارتىيەمىز تارىخىدا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى يېڭىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم قۇرۇلغان مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر يىلدىن بۇيان ئەزا ئورۇنلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىرلىكتە كۈچەپ ماسلىشىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەيدىغان بىريۈرۈش بىرىكمە مۇشتنى ئاتتى −

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يېقىندىن ئەگىشىپ ماس قەدەمدە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتتى؛

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ھەم مەسىلىلەرنى بايقاشقا دىققەت قىلدى، ھەم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەردى؛

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كادىرلارنى تەكشۈرۈش، پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش سالمىقىنى زورايتتى؛

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئالاقىدار ئاخبارات ئورۇنلىرىنى تەشكىللەپ، كۆپ خىل تاراتقۇ سۇپىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتتى.

ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان نۇقتىلىق كەسىپ، ساھە ۋە ئالاقىدار گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەپ، كۆچمە ئالاقە تورى ئەمەلىي قوللىنىشچان پىروگىراممىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بارماق ئۇچىدىكى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈكىنى زىيادە ئېغىرلىتىۋېتىش مەسىلىسىنى تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى... بىر يىلدىن بۇيان، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، ھەربىر قاتتىق قىيىنچىلىقنى يەڭدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىغا ئەزا ئورۇنلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى. نۇرغۇن جاي قاتتىق جاۋابكارلىققا تارتىش بىلەن توغرا يۆنىلىشتە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى سىغدۇرۇش، خاتالىقنى تۈزىتىشنى يولغا قويۇش، يېڭىلىق يارىتىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، كادىرلارنى ئاقلاپ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولغان - بولمىغانلىقىدا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئەڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

2020 - يىلى 9 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى كۆزىتىش نۇقتىسىدا نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، تەكشۈرۈش قەغىزى نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %85تىن ئارتۇق كادىر شەكىلۋازلىق ئېلىپ كەلگەن يۈك داۋاملىق يېنىكلەۋاتىدۇ، دەپ قارىغان.

كۆپچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلىشىچە، ھازىر ھەرقايسى جايلاردا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش ئېڭى يەنىمۇ كۈچەيگەن، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەممىسى بۇ كىرىچنى چىڭىتقان، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدىمۇ بۇ تارازا شەكىللەنگەن. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىنى چۈشەپ قويىدىغان «باغلاق» يېشىۋېتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مەسىلە ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىنغان، تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىق بىرىنچى سەپتىلا بىر تەرەپ قىلىنغان.

بوشاشماي كۈرەش قىلىش: ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىش

2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئائىت ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، «تۈگىمەس ھۆججەت ۋە ئۈزۈلمەس يىغىننىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى، يېزىقچىلىق ئىستىلى، يىغىن ئىستىلى ئەمەلىي بولماسلىق، توغرا بولماسلىق، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش زىيادە كۆپ بولۇش، زىيادە تەكرار بولۇش، زىيادە ئىز قالدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامغا ئېغىر يۈك پەيدا قىلىش» مەسىلىسىدىن جەمئىي 580ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

ئىگىلىگەن نىسبەت گەرچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن شەكىلۋازلىقنىڭ بەزى يېڭى ئۆزگەرگەن تۈرلىرى، يېڭى يۈزلىنىشىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

ھازىر، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشتە بەلگىلىك نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى، لېكىن بىر قىسىم جايلار، بىر قىسىم ساھەلەر، بىر قىسىم كادىرلاردىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق جاھىل كېسىلى تېخى يىلتىزىدىن تۈگىتىلگىنى يوق:

بەزىلىرى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئاددىيلا قىلىپ ھۆججەتنى ئىخچاملاش، يىغىننى ئازايتىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، باھالاش سانىنى ئازايتىش دەپ چۈشىنىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلمىدى، تەدبىرى كۆپ بولمىدى؛

بەزىلىرىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى كەمچىل، ئىدىيەۋى مەنبەسىنى قېزىشى يېتەرلىك چوڭقۇر ئەمەس، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا شەكىلۋازلىق ئۇسۇلى بىلەن شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛

بەزىلىرىنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنىڭ مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە بوشىشىپ قېلىش روھىي ھالىتى كۆرۈلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىق، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى دېگەندەك كۈچلۈك بولماسلىق، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يەنىلا كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر مەۋجۇت بولۇش سەۋەبىدىن، بىر قىسىم شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈش خەۋپى ۋە نىسبىتى ئېشىپ، سىجىل تۈزەش خىزمىتىگە يېڭى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم ۋە تەلەپ قويدى.

پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا توختاش بەلگىسى يوق، ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ.

«بالايىئاپەتنى تۈگىتىشكە ماھىر كىشى ئاۋۋال بالايىئاپەت يۈزبېرىشنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ تاپىدۇ، كېسەلنى داۋالاشقا ماھىر كىشى ئاۋۋال كېسەلنى مەنبەدىن تۈگىتىدۇ.» شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشتا، جەزمەن ئۇنىڭ ئىدىيەۋى تۈگۈنىنى توغرا تېپىپ، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك.

2020 - يىلى 5 - ئايدا، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش توغرىسىدىكى بىر مۇھىم نەزەرىيەۋى كىتاب پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىتابخانىلارنىڭ كىتاب جازىلىرىغا تىزىلدى.

توققۇز مەخسۇس تېما بويىچە ئالاقىدار مۇھىم بايانلاردىن 182 بۆلەك كىرگۈزۈلگەن، 70 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىنغان، تۇنجى قېتىم نۇرغۇن مۇھىم بايان ئاشكارا ئېلان قىلىنغان...

مەركەز قاتلىمىدىن شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىنىڭ تۈرتكە بولۇشى بىلەن تەھرىرلىنىپ نەشر قىلىنغان «شى جىنپىڭنىڭ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدىن تاللانما» كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشتىكى زۆرۈر دەرسلىك ۋە ھەر دەرىجىلىك نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆگىنىشىدىكى مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى.

ئاساسنى مۇستەھكەملەپ روھ يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشتە، جەزمەن نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش تەجرىبە ئىلھاملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى توغرا ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

يۇقىرىدىكىلەر بىلەن تۆۋەندىكىلەر بىر نىيەتتە بولسا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولسا كۈچلۈك بولغىلى بولىدۇ.

2020 - يىلى 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق يىغىن ھەرقايسى جايلارغا ئۈلگە بولدى.

شۇ كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىن يىغىنى شەكلىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش يىغىنى ئاچتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

بۇ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى بولۇپ، يىغىن مەيدانى مەركەز تارماقلىرىدىن تارتىپ ناھىيە، تۇەن دەرىجىلىك ئورۇنلارغىچە تەسىس قىلىندى، قاتناشقان ئادەم سانى 170 مىڭغا يەتتى. ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەينەن، بىۋاسىتە ئاڭلىدى، كۆپچىلىك ئومۇميۈزلۈك: بۇنداق يىغىن شەكلى ياخشى ئىكەن، ئۈنۈمى ياخشى ئىكەن، دەپ ئىنكاس قايتۇردى.

قوزغىلىپلا ھەرىكەت قىلالايدىغان ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇش، ئولتۇرۇۋېلىپ قۇرۇق تەلىمات سۆزلەيدىغان پاراڭچىلاردىن بولماسلىق. «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق» بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، «بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىگە سۆزلەش»نى «بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىگە قىلىپ كۆرسىتىش»كە ئۆزگەرتىپ، «قاتلاممۇقاتلام يىغىن ئېچىشنى تۇتۇش»نى «قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»قا ئۆزگەرتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئوشۇقچە قائىدە - يوسۇن، تۈگىمەس ھۆججەت، ئۈزۈلمەس يىغىن، كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىشلاردىن قۇتۇلدۇردى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلۈك بولماسلىق، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق؛ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئىستىلدا لەيلىمىچىلىك قىلىش، ئەمەلىيەتتىن چەتنەش؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بىپەرۋالىق قىلىش، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق...

2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا دائىر تىپىك سەككىز مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جەمئىيەتتە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خۇنەن، لياۋنىڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلارمۇ نۇرغۇن تىپىك مەسىلىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى خاتىرجەم، تەرتىپلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش دەل تۈزۈم كۈچ - قۇدرىتىدىن پايدىلىنىپ شەكىلۋازلىقنى تۈزەشتىكى بىر كونكرېت تەدبىردۇر.

2021 - يىلى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش ۋە ئۈنۈمنى باھالاش مېخانىزمى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى سەلبىي تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئاشكارىلاش مېخانىزمى قاتارلىقلار ئورنىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقى سىجىل زورايتىلىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق، مەنبە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈزەش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمەت سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى. ئومۇمىي يىغىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللانغان «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان «تەكلىپى»دە: «شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى سىجىل تۈزەپ، ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2021 - يىلى «14 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، شۇنداقلا ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش يىلى.

يېڭى ۋەزىيەت يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا موھتاج بولماقتا، يېڭى مۇساپە يېڭى نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا.

مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تولۇپ تاشقان روھىي ھالىتى، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان خىزمەت ئىستىلى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ غەيرەت - شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرماقتا، ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن، كۈچى خەلقتىن كەلگەن. مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشنى ئاخىرغىچە تۇتقاندىلا، جەزمەن پارتىيە رايى، خەلق رايىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، كادىرلار ئىستىلىنى تېخىمۇ ئەمەلىي قىلىپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش مۇھىتىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىشنى ياخشى باشلىغىلى، قەدەمنى ياخشى ئالغىلى بولىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.