شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا ستارباكس شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى خوۋارد شۇلتسقا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇ ۋە ستارباكس شىركىتىنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق پائال رول ئوينىشىغا ئىلھام بەردى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ستارباكس قاتارلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ستارباكس شىركىتىنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شۇلتس رەئىس شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە پات ئارىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى تەبرىكلەپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەنىدى.