تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

توقسۇ: ھەمكارلىق كوپىراتىپى «بېيىش كالىسى» باقتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گو جېڭۋېي خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى جاي كەنتىدىكى دېھقان گايىت ئاۋۇت خۇشال ھالدا كەنت ئاھالە كومىتېتىدىن چىقتى، ئۇ ھاۋالىلىك بېقىلغان ئىككى تۇياق بورداق كالىنىڭ پايدا تەقسىمات پۇلىنى ئالغانىدى.

2018-يىلى، ئىچئېرىق بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن بازاردىكى ئالتە كەنتتىكى 246 نامرات ئاھالە كالا باقمىچىلىقى (قىسقا مۇددەتلىك بورداش) نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى ئىلتىماس قىلدى، 492 بورداق كالىنىڭ ھەممىسى تيەنيۈ باقمىچىلىق ئولتۇراق رايونىدا بېقىلدى، ھەربىر ئاھالە ھەر يىلى 2400 يۈەن پايدا تەقسىملەش پۇلى ئالالايدىغان بولدى.

ھازىرغىچە، ئىچئېرىق بازىرىدىكى ئالتە كەنتتىكى 246 نامرات ئاھالە 1 مىليون 180 مىڭ 800 يۈەن بورداق كالا پايدا تەقسىماتىغا ئېرىشتى، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرى ئارقىلىق بېيىش يولىغا ماڭدى.

«مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مەن چوقۇم داۋاملىق تىرىشىپ، پارتىيەنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن» دېدى گايىت ئاۋۇت سەمىمىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى