تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بۇرچىن ناھىيەسى: جىغان دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى ئاچتى

  ئانار بۇلۇت: يېقىندا، بۇرچىن ناھىيەسىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃30 ئەتراپىغا چۈشتى، بۇنداق تۆۋەن تېمپېراتۇرا دەل جىغان ئۈزۈشكە قولايلىق شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

  1-ئاينىڭ 14-كۈنى، قوستىق بازىرى قوستىق كەنتىدىكى جىغان ئۆستۈرگۈچى ۋاڭ لۇجۈننىڭ 1000 مو جىغانلىق ئورمانلىقىدا، ھەربىر تۈپ دەرەخنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك مېۋىلەر بىلەن لىق تولغانىدى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە قېلىن پاختىلىق چاپان، شەپكە، پەلەي كىيىپ، جىغان ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

  «تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى جىغان مېۋىسىنى ئۈزۈش ۋە ساقلاشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا جىغاننى توڭلاتقىلى ۋە يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ، ئۈزگەن ۋاقىتتا يېنىك ئۇرساق، مېۋىسى ناھايىتى ئاسانلا چۈشىدۇ» دېدى ۋاڭ لۇجۈن.


  بۇ ئون نەچچە كۈنلۈك جىغان ئۈزۈشتە، ئىشلەتكەن ئادەم 500 ئادەم قېتىمغا يەتتى. «قىشتا دوستلىرىم بىلەن بىللە كۈلكە-چاقچاق قىلىپ ئىشلىگەچ پۇل تېپىپلا قالماي، كۈنلىرىممۇ مەنىلىك ئۆتتى، ھەر كۈنى تەخمىنەن 400-300 يۈەن پۇل تاپالايمەن» دېدى قوستىق بازىرى قوستىق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تايىربېك.

  «بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ جىغان ئومۇمىي كۆلىمى 100 مىڭ مودىن ئاشتى، پۈتۈن ناھىيەنىڭ جىغان مەھسۇلات مىقدارى 6000 توننىدىن ئاشتى، ھازىر، بىز باشقا جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ 2000 توننىدىن ئارتۇق جىغان سېتىۋالدۇق، جىغان مېۋىسى سېتىشتىن باشقا، يەنە جىغان تابلىتى، جىغان كونسېرۋاسى، جىغان ئىچىملىكى، جىغان كاپسۇلى قاتارلىق ئون نەچچە خىل جىغان يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدۇق، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدا بازىرى ئىتتىك بولدى» دېدى بۇرچىن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق خىزمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ليۇ چۇەنۋېن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىن ناھىيەسى «كىچىك جىغان»نى «چوڭ كەسىپ»كە ئايلاندۇرۇپ، جىغاننى تەدرىجىي ھالدا دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىغا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە بۇرچىن جىغان كەسپىنى ھەقىقىي تۈردە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇردى.

مەنبە: بۇرچىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر سۇڭ شۇچى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى