تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ لې خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرى قىزىلسا كەنتىدىكى دېھقان راخمان كەپتەرخانىنى كۆڭۈل قويۇپ تازىلاۋاتاتتى.
ئىلگىرى، راخمان ئاساسلىقى يەر تېرىشقا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، تېرىلغۇ يېرى ئاز، كىرىمى يۇقىرى بولمىغاچقا، تۇرمۇشى ئىزچىل غورىگىل ئۆتەتتى. يەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنىڭ پايدىسى بىلەن، ئۇ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ئوبوروت قىلغاندىن كېيىن، مەخسۇس كەپتەر باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.
راخمان مۇنداق دېدى: «كەپتەر بېقىش باشقا چارۋا-قۇش باقمىچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ۋاقىت، كۈچ تېجىلىدۇ، خەۋپ-خەتەرى ئاز، ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ، مەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمەن».
قىزىلسا كەنتىدە راخمانغا ئوخشاش باقمىچىلار ناھايىتى كۆپ. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى باقمىچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، مەبلەغ چىقىرىپ كەپتەر باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇپ، كۆپچىلىكنى بۇنىڭغا قاتنىشىپ، كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن باقمىچىلىق ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇشقا چاقىردى.
كەنت ئاھالىسى ئەمەر مەمەتنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى بىرلا خىل بولۇپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنىڭ كەپتەر بېقىش تەجرىبىسىنى ئويلىشىپ، ئۇنى كەپتەر باقمىچىلىق بازىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى قىلدى.
ئەمەر مەمەت مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئاز، ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئاھالە ئىدۇق، كەنت كادىرلىرى مېنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمنى كۆزدە تۇتۇپ، مېنى كەپتەر باقمىچىلىق بازىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئائىلىمىزنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى».
ئىگىلىنىشىچە، قىزىلسا كەنتىدە ئۈچتىن بىر قىسىم كەنت ئاھالىسى چارۋا-قۇش بېقىپ، «كەنت پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى ئارقىلىق كەپتەر باقمىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، پايدا تەقسىملەش ئۇسۇلى ئارقىلىق پايدا تەقسىملەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى بارغانسېرى ئاشۇرغان.