تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالتاي شەھىرى: ھەقسىز قار تېيىلىش! قار ماكانىدىكى بالىلارغا خۇش خەۋەر

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: تېخىمۇ كۆپ بالىنى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتناشتۇرۇش، قار ماكانىدىكى بالىلارنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ماھارىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن باشلاپ، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىز ۋە ئېتىبار باھالىق قار تېيىلىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.

  ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنتەربىيە دەرسىنى قار تېيىلىش مەيدانىغا باشلاپ كىرىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزىقىشىنى كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالتاي شەھىرىنىڭ قىش پەسلىدە ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش تۈرىنى قانات يايدۇرۇشتىكى سىناقلارنىڭ بىرى. بۇ قىش پەسلىدە، ئالتاي شەھىرى جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىنى ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، ھەر دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كۈندىلىك مەيدان (چاغاندىن باشقا)دا، ۋىلايەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى 18 ياشتىن تۆۋەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقسىز قار تېيىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى.

  ئالتاي شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 1-يىللىق ئوقۇغۇچىسى زۇ جيايى مۇنداق دېدى: «تەنتەربىيە دەرسىدە ھەقسىز قار تېيلىمىز، قىشلىق تەتىلدىمۇ ھەقسىز قار تېيىلىمىز، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇق، دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قار تېيىلىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرەلەيمىز».

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 2021-يىلى قار پەسلى ئاخىرلاشقۇچە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ كىملىكى، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئارقىلىق، ھەقسىز ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، ئۆزى قار تاختىسى ئېلىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز قار تېيلىيالايدۇ، قار تېيىلىش سايمانلىرىنى ئىجارىگە ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم باھادا ئېتىبار قىلىنىدىكەن (پەقەت قار ئايىغى، قار تاختىسىلا ئىجارىگە بېرىدىكەن).

  جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى كارخانا پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چېن ياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانى «300 مىليون كىشى قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش» چاقىرىقىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ «قار تېيىلىش دەرسى»نى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شۇ جاينىڭ قار-مۇز ھەرىكىتى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقان.

  (ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرى ئۇلان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى