1-ئاينىڭ 14-كۈنى، خۇەيبېي شەھىرى چۇەنشەن يولى مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى دەرس ئارىلىقىدا پۇتبول تېپىشنى مەشىق قىلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي خۇەيبېي شەھىرى چۇەنشەن يولى باشلانغۇچ مەكتىپى دەرس ئارىلىقىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مۇزىكا ۋە تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، بەل دۇمباق، ئەجدىھا ئۇسسۇلى، شىر ئۇسسۇلى، پۇتبول، ۋاسكىتبول، قىزىقارلىق ئويۇن قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى مول، رەڭدار مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئىچىدە بەدەن چېنىقتۇرۇپ، خۇشال ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى ۋەن شەنچاۋ فوتوسى