1-ئاينىڭ 14-كۈنى، جىنخۇا ۋۇچېڭ رايونى جۇما يېزىسى شياجاڭجيا كەنتى كوللېكتىپ ياللىغان كۆچەت ئاسراش ئىشچىسى كەنتتىكى ئۆستۈرۈش ئائىلىسىنىڭ كۆچەتلىرىنى سۇغارماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: دېھقانلار كالېندارى بويىچە يېڭى يىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، جېجياڭ جىنخۇا چاي يوپۇرمىقى سېتىشنىڭ ئاۋات پەسلىنى كۈتۈۋالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىنخۇا گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، چايچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ چاي ئۆستۈرۈش، سېتىش بازىسى قۇرۇپ چىقتى. 2020-يىلى، جىنخۇا چاي ئۆستۈرۈش كۆلىمى 18 مىڭ مو بولۇپ، بىۋاسىتە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى 5000 كىشىدىن ئېشىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 5 مىليارد 80 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋېڭ شىنياڭ فوتوسى