تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيە گۈزەللىكى يۈزلىگەن تۇرنىنى جەلپ قىلدى

كۈل رەڭ تۇرنا 225-تۇەننىڭ سۇلۇق يېرىدە ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە (1-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ 14-شىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلار پونكىتىدىن ما چۈنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋاڭ جېن، جاڭ فاڭجۈن فوتوسى، خەۋىرى): «ئەسلىدە ئۇلارنى پەقەت قىسقا ۋاقىت توختايدۇ دەپ ئويلىغان، بۇنچە ئۇزۇن تۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغانىدۇق». 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە، 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى 225-تۇەن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كادىرى جاۋ شېڭمىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ بۇ تۇەننىڭ سۇلۇق يەر ئەتراپىغا كېلىپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ساندۇقىدىن ئىككى خالتا كۆممىقوناق دېنىنى چىقىرىپ، ئوچۇقچىلىققا چاچتى.

«بىر ئاي ئىلگىرى، 500 نەچچە دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان كۈل رەڭ تۇرنا سۇلۇق يەر ئەتراپىدا پەيدا بولدى، ئۇلار ئاساسلىقى ئەتراپتىكى قوناقلىقتىن قېپقالغان كۆممىقوناقنى ئوزۇق قىلاتتى. ھازىر ئۇلارنىڭ يېمەكلىكى كۆپ بولمىغاچقا، بىز كۆممىقوناق دېنى سېتىۋېلىپ ئۇلار دائىم بارىدىغان ئورۇنغا چېچىپ قويدۇق» دېدى جاۋ شېڭمىڭ.

«ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى تۇەن-چاڭلاردا ۋە ئەتراپتا پەسىل خاراكتېرلىك ماكانلىشىدىغان ياۋايى قۇشلار يىلدىن-يىلغا كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈل رەڭ تۇرنا، ئاق قۇ قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قىممەتلىك ياۋايى قۇشلار بار» دېدى 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرى تەبىئىي بايلىق ۋە پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى جاۋ يۈجيې.

ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 14-شى قۇرۇمقاش شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيەنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەرقايسى تۇەن-چاڭلار تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق قوغداش ئوبيېكتلىرىغا بولغان چارلاپ قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، جانلىقلار بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى