1-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 18:00دە، ئۈرۈمچى شەھىرى باداۋان يولىدا قار ئىچىدە كېتىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى.
ئانار بۇلۇت: 1-ئاينىڭ 14-كۈنى، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ئۈرۈمچىنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلدى، سائەت 16 ئەتراپىدا، شەھەر رايونىدا قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەپ چۈشۈشكە باشلىدى، شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئازراق قار ياغدى، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃8-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃13- بولدى.
شىسەن يولىدا ئىككى نەپەر شەھەر ئاھالىسى قاردا ماڭماقتا.
شىسەن يولىدا، لەپىلدەپ چۈشۈۋاتقان قار بىردەمدىلا ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاپلىدى.
شىسەن يولىدا، قار يېغىپ يول تېيىلغاق بولۇپ كەتكەچكە، ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە ئارىلىق ساقلاشقا دىققەت قىلدى.
مۇخبىرىمىز جاڭ ۋەندې، دۇ شىڭجۈن فوتوسى