تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى كوللېكتىپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سىن يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى (تۈزىتىلمە لايىھە)» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھە)»نى كوللېكتىپ تەتقىق قىلىپ ئوقۇشقا تەشكىللەپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۆجۈن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسى» مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنىڭ مۇھىم تۈزۈم كاپالىتى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسى، يېڭى تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى 2019 - يىلىنىڭ بېشىدا بۇ ئىككى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلىغان.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 - يىغىنىدا يۇقىرىقى ئىككى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى قاراپ چىقىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، بۇ قېتىمقى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلىشى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، پىكىر - تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى