تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 11- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى:

لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 10 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى بېن ياڭ باشچىلىقىدىكى لائوس پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتتى ھەم بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، لائوس پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي مۇقىملىقنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ساقلىدى. بىز بۇنىڭدىن چىن كۆڭلىمىزدىن خۇشال بولدۇق.

لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى لائوس پارتىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىرگەندە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا لائوسنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشقا چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ئىشىنىمىزكى، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي چوقۇم لائوسنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى يېڭى مۇھىم يېتەكچى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لائوس تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇش، ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش» فاڭجېنى ۋە «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھ» روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - لائوس ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.