1-ئاينىڭ 14-كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ ناھىيەسى جياڭگاڭ بازىرىغا جايلاشقان نەنچاڭ داتيەن دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى شاخ-شۇمبىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش مەركىزىدە، ئىشچىلار شاخ-شۇمبىلاردىن پايدىلىنىپ ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقارماقتا.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭشى نەنچاڭ شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرىدىكى شاخ-شۇمبىلاردىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، شاخ-شۇمبىلارنى ئېتىزغا قايتۇرۇش ۋە يەم-خەشەككە ئايلاندۇرۇش، يېقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئارقىلىق، شاخ-شۇمبىلارنى ئوچۇقچىلىقتا كۆيدۈرۈۋېتىشتىن كېلىپ چىققان بايلىق ئىسراپچىلىقى ۋە مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋەن شياڭ فوتوسى