ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (قاغىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن رەيھانگۈل سىدىق، نۇرئەلى نۇرمەمەت خەۋىرى): 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بۇ ناھىيەنىڭ تۈگىچى يېزىسى بەشگەمە كەنتىدە «مېھىر-شەپقەت پوپايكىسى» تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، 30 نامرات بالا شاڭخەي شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئەۋەتكەن مېھىر-شەپقەت پوپايكىسىنى تاپشۇرۇۋالدى.
غۇنچەم نۇرئەخمەت مۇنداق دېدى: «تاغا، ھەدىلىرىم ئېلىپ كەلگەن پوپايكا بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن بەك ياقتۇردۇم».
مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى جۇڭگو بالىلار، ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى ۋە خېڭيۈەنشياڭ گۇرۇھى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلغان شىنجاڭدىكى نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلار ۋە يېتىم، مېيىپ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتى بولۇپ، بۇ پائالىيەت ھەر مىللەت ئائىلىلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ بەردى.
ھازىرغا قەدەر، قاغىلىق ناھىيەسى شاڭخەي شەھىرىدىن كەلگەن «مېھىر-شەپقەت پوپايكىسى»دىن 248دىن ئارتۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى.
كەنت ئاھالىسى بۇجىنات ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: «قاغىلىق بىلەن شاڭخەينىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراق، لېكىن شاڭخەيدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىزنى ياد ئېتىپ، بالىلارغا مېھىر-شەپقەت پوپايكىسى توقۇپ بەردى، بىز بالىلارنى دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەيمىز».