1-ئاينىڭ 13-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ياڭشى ناھىيەسى چېڭسۈن بازىرى گۇاڭسۈن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى مۇلى قۇلۇلىسى يىغماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: قارا قىش مەزگىلىدە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياڭشى ناھىيەسى چېڭسۈن بازىرىدىكى دېھقانلار مول ھوسۇلنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. 2020-يىلى، ياڭشى ناھىيەسى چېڭسۈن كەنتىنىڭ مۇلى قۇلۇلىسى ئۆلكە دەرىجىلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇلى قۇلۇلىسى بېقىش دېڭىز رايونىنىڭ كۆلىمىنى 42 مىڭ موغا يەتكۈزدى، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 68 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 460 مىليون يۈەن بولدى، كەسىپلەر باغچىسى دائىرىسىدىكى يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 18 مىڭ 200 يۈەنگە يەتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ گوباۋ فوتوسى