تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى «ئارزۇ زاۋۇتى»غا ئايلاندى

  ئانار بۇلۇت: قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى قەشقەر كەنتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمەت تەپەككۇرىغا ئاساسەن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى ئالدىن قوبۇل قىلىپ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.

  يېقىندا، مۇخبىر بۇ كەنتتىكى ئەمقەر قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، نەچچە ئون خىزمەتچىنىڭ زاكاز كىيىم تىكىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىسى تۇرسۇنجان ئىسمايىل ئىلگىرى كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى، كېيىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ ئىشلەپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى ھەم 2019-يىلى نامراتلىق قالپىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك چۆرۈپ تاشلىدى.

  «ھازىر ئايلىق كىرىمىم 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ، ئايالىممۇ كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىشقا چۈشتى، ھەر ئايدا يامان ئەمەس كىرىمىم بار، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، كۆپ پۇل تېپىپ، كۈنلىرىمنى ياخشى ئۆتكۈزىمەن» دېدى تۇرسۇنجان ئىسمايىل.

  بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئانىخېنىم غەيرەت ئىلگىرى تىككۈچى بولۇپ، پارچە-پۇرات زاكازلارنى قوبۇل قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنى قۇرماقچى ئىدى، لېكىن مەبلەغ يېتىشمىگەنلىكتىن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى.

  2018-يىلى 2-ئايدا، قەشقەر شىنتو گۇرۇھىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئويى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، كەنت ئاھالە كومىتېتى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ئۇنىڭ زاۋۇتقا ئىشلىتىدىغان ئورۇن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى ھەم ئىگىلىك تىكلەش تولۇقلىمىسى ئىلتىماس قىلىپ، ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ 70 كىيىم تىكىش ماشىنىسى سېتىۋالدى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ زاكازلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، سودىسىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى. كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سۈپىتى ياخشى، پاسونى يېڭى بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، يىللىق سېتىش سوممىسى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  ئانىخېنىم غەيرەت مۇنداق دېدى: «ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزدا ھازىر 34 ئىشچى-خىزمەتچى بار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى 3000 يۈەن ئەتراپىدا، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقى ناھايىتى يۇقىرى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىگە تۈرتكە بولىمىز».

مەنبە: قەشقەر شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر جاڭ يۆجياۋ، ۋاڭ يۇنيۈن، ئۈمىد

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى