تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا سېتىۋېلىش بېجى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل ناسىر خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىۋېلىش بېجى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. شىنجاڭلىق ئىستېمالچىلار بۇ ئېتىباردىن بەھرىمەن بولسا بولىدىكەن.

2020-يىلى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى (2021 — 2035-يىل)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئومۇمىي پىكىر يولى، ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باج يىغىش جەھەتتە، «يىرىك پىلان»دا سىياسەت، قانۇن-نىزام سىستېمىسىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا ئالاقىدار باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل، توكقا چېتىلىدىغان بىرىكمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىل ۋە يېقىلغۇ باتارېيەسى ئاپتوموبىلىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل تىپى مۇندەرىجىسى» دىن مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. سېتىۋېلىپ «مۇندەرىجە»گە كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، سېتىۋېلىش ۋاقتى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىشتىكى بىرتۇتاش تارقاتقان تالون (ياكى ئۈنۈملۈك كىنىشكە)دا ئىزاھلانغان چېسلا ئاساس قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى