مۇھەررىر :
بۇئايشەم راخمان
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2021/01/14 17:20

تىيانشان تورى خەۋىرى: 1-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇالىڭ سودا شەھەرچىسىدىكى بىر چاغانلىق بۇيۇم ساتىدىغان دۇكاندا، ھەرخىل تاۋارلار كىشى كۆزنى چاقنىتاتتى. كالا يىلىدىكى چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە چاغانلىق بۇيۇملارنىڭ سودىسى كۈنسېرى جانلىنىپ، سېتىشنىڭ بېسىق مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.
(مۇخبىرلار جاڭ ۋەندې، يۈ جياڭيەن فوتوسى، خەۋىرى)
1-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇالىڭ سودا شەھەرچىسىدىكى بىر چاغانلىق بۇيۇم ساتىدىغان دۇكاندا، بايراملىق پانۇسلار كۆزنى ئالاھىدە چاقنىتاتتى. شۇ كۈنى مۇخبىر نۇرغۇن بازارنى ئارىلاپ، ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا بېزەك بۇيۇملار باھاسىنىڭ ئازراق چۈشكەنلىكىنى، %15~%10كىچە ئەرزان بولغانلىقىنى ئىگىلىگەن.
(مۇخبىرلار جاڭ ۋەندې، يۈ جياڭيەن فوتوسى، خەۋىرى)
1-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇالىڭ سودا شەھەرچىسىدە، چاغانلىق بۇيۇم ساتىدىغان بىر دۇكاندا بەخت كالىسى بېزەك بۇيۇملىرى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان ئورۇنغا تىزىلغانىدى. دۇكان خوجايىنى شى پىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل چاغانلىق بېزەك بۇيۇملارنىڭ لايىھەلىنىشىدە يېڭىلىق بار بولۇپ، مەسىلەن، رەختلىك قىيما گۈل، يەنە كالا ئېلېمېنتىدىكى ئىشىككە چاپلايدىغان بېزەكلەر، كالىنىڭ دۈمبە يۇڭىدىن ئىشلەنگەن يۇڭلۇق ئويۇنچۇقلار بار بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى راستتەكلا كۆرۈنىدىكەن.
(مۇخبىرلار جاڭ ۋەندې، يۈ جياڭيەن فوتوسى، خەۋىرى)
1-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇالىڭ سودا شەھەرچىسىدە، چاغانلىق بۇيۇم ساتىدىغان بىر دۇكان ئىچىدە، خېرىدارلار بەخت خېتىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى يىلدىن بۇرۇن رەختلىك كالا قونچاقلىرىنى سېتىۋالىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، نۆۋەتتە، چۈنليەن، بەخت خېتى، قىيما گۈل سېتىۋالىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيگەن.