تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى بۇ بەش جۈپ مۇلازىمەت رايونىنىڭ ۋاڭخۇڭ مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار

سەنپىڭ مۇلازىمەت رايونى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر يى يۈتىڭ فوتوسى، خەۋىرى): مۇخبىرنىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 2021-يىللىق خىزمەت دوكلاتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى تۇرپان، يەنخۇ، ۋۇگۇڭتەي، فۇكاڭ، سەنپىڭدىكى بەش جۈپ مۇلازىمەت رايونىنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتاللىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش تاماملانغان بولۇپ، 2021-يىلىغا بارغاندا بۇ بەش جۈپ مۇلازىمەت رايونى شۇ جاينىڭ خاسلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ ئوخشىمىغان باش تېما بەرپا قىلىدىكەن.

ۋۇگۇڭتەي مۇلازىمەت رايونى

   شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى شۈ يافېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020-يىلىدىكى مۇلازىمەت رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئاساسىدا، شىنجاڭ قاتناش مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بۇ يىل شۇ جاينىڭ ساياھەت، مەدەنىيەت، مىللىي ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەنخۇ، فۇكاڭ، ۋۇگۇڭتەي قاتارلىق بەش ئورۇندىكى مۇلازىمەت رايونىنىڭ «بىر رايوندا بىر خاسلىق بولۇش» باش تېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇلازىمەت رايونىنى مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندۇرىدىكەن ھەمدە تېخىمۇ مول بولغان سودىنى كىرگۈزۈپ، شوپۇر ۋە يولۇچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، بۇ بىر تۈركۈم مۇلازىمەت رايونىنى مەملىكەت بويىچە داڭلىق، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ۋاڭخۇڭ مەنزىرە نۇقتىسى تىپىدىكى مۇلازىمەت رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قولغا كەلتۈرىدىكەن.

شاۋساۋخۇ مۇلازىمەت رايونى

   بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرپان مۇلازىمەت رايونى شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىنى ئاساس قىلىپ نامايان قىلىدۇ؛ سەنپىڭ مۇلازىمەت رايونى توغراق روھىنى نامايان قىلىپ، قۇملۇقتىكى توغراق بىلەن ئىمارەت گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى بىرلەشتۈرىدۇ؛ يەنخۇ مۇلازىمەت رايونى «كرىستال تۇز»نىڭ شەكلىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۇز مەنىسىنى بىنا گەۋدىسىدىكى قۇرۇلۇشلارغا چۈشۈرىدۇ؛ فۇكاڭ مۇلازىمەت رايونى زامانىۋى ئۇسۇل ئارقىلىق «تىيانشان تەسىراتى»نى بەرپا قىلىپ، بىنا گەۋدىسى تاغ شەكلىدىكى ئېگىز-پەس قۇرۇلۇشلارنىڭ سىرتقى شەكلى ۋە قىسمەن قاتلام بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، خۇددى ئېگىزگە چىقىپ يىراققا نەزەر سالغاندەك تەسىر بېرىدۇ؛ ۋۇگۇڭتەي مۇلازىمەت رايونى «قىزىل ئەسلىمە»نى باش تېما قىلىپ، قىزىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل روھقا ۋارىسلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

يەنخۇ مۇلازىمەت رايونى

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە «قاتناش + كەسىپ»، «قاتناش + ئىستېمال» ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، نۆۋەتتە شارائىتى ھازىرلانغان 65 جايدا (63 جايدا ئىككى ياندا، ئىككى جايدا بىر ياندا) مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى ئىچىدە 128 ئورۇندا نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس پوكىيى تەسىس قىلىنىدۇ.

   نۆۋەتتە، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى تۇزكۆل مۇلازىمەت رايونىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 8525.3 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، كۆلىمى كېڭىيىپلا قالماي، يەنە يېمەك-ئىچمەك، تاللا بازىرى، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى قاتارلىق ئەسلىھەلەر كۆپەيتىلدى. شۈ يافېڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل «بىر رايوندا بىر خاسلىق بولۇش» باش تېمىسى بەرپا قىلىنغاندىن كېيىن، «بۇ خاسلىققا ئىگە مۇلازىمەت رايونلىرى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى مۇلازىمەت رايونىدا توختاشقا، ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، شۇ جاينىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىكەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!
  • باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى
  • ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش