تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

كېۋەز تېرىش ماشىنىلاشتى، كىرىم يىلدىن-يىلغا ئاشتى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (بىڭتۇەن گېزىتىنىڭ دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇخبىرى يۈ سەن، ئىختىيارىي مۇخبىر چيەن خۇي خەۋىرى): يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، 6-شى فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى 5-ليەنىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى كاڭ يۈبىڭ بازارغا بېرىپ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى زاكاز قىلىشقا باشلىدى. يېڭى بىر يىللىق پىلان ئۈستىدە توختالغاندا، كاڭ يۈبىڭ مۇخبىرغا: «كېۋەز تېرىشنىڭ كاپالىتى بار، مەن بۇ يىل داۋاملىق كېۋەز تېرىماقچى» دېدى.

بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن كاڭ يۈبىڭ كېۋەز تېرىشنىڭ كەسىپ ئەھلى. تۇەن-چاڭ ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيەت يېرىگە ئىشلىگەندىن باشقا، يەنە ماشىنا باشقۇرۇش بىلەن شۇغۇللاندى. 2018-يىلى، كاڭ يۈبىڭ يەنە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئارقىلىق 50 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ كېۋەز تېرىدى. «ھازىر كېۋەز تېرىشتىن ھوسۇل يىغىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريان ماشىنىلاشتى، ئائىلىمىزنىڭ بارلىق كېۋەزلىكىنى بىرلا ئادەم ياخشى باشقۇرالايدۇ» دېدى كاڭ يۈبىڭ.

2018-يىلىدىن بۇيان، فاڭساۋخۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ھەر يىلى 400 مىڭ مودىن ئاشتى. چوڭ ئات كۈچىلىك لوكوموتىۋ، سېيالكا، ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى، پاختا يىغىش ماشىنىسى قاتارلىق ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر تىجارىتى قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئائىلىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كېۋەز تېرىش ئاكتىپلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشتى.

 كاڭ يۈبىڭنىڭ ئېتىز كىرىمى 2018-يىلى 150 مىڭ يۈەن، 2019-يىلى 180 مىڭ يۈەن، 2020-يىلى 200 مىڭ يۈەن بولدى. «ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يىلدىن-يىلغا ئاشتى، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى». كاڭ يۈبىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«بۇ يىل گەرچە يۇقۇم، قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولساقمۇ، لېكىن تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە تۇەن-چاڭلارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى يەنىلا خېلى ياخشى بولدى».

پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى. ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ تېرىقچىلىق كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى، ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشتىن ئايرىلالمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ يوپۇق يېپىش تېخنىكىسى ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سەرپىياتىنى ئازايتتى، يوپۇق ئۈستىدىن تۈجۈپىلەپ تېرىش تېخنىكىسى تەننەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، كېۋەز تېرىقچىلىقىدا سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش %100 ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى كېڭەيتىش يېزا ئىگىلىكىنى تېخىمۇ دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • خوتەن ناھىيەسىنىڭ قۇملۇق لازىسى تۇرمۇشنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈرۈپ، قىش پەسلىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلدى!
  • باغراش كۆلىدە قىشلىق ساياھەتچىلىك قىزىپ كەتتى
  • ھەپتە ئاخىرىدا نەنسەن تېغىدا مەنزىرىدىن تاماشا قىلغاچ قار تېيىلىش