تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى: قىشلىق تەمىنلەش ئۈچۈن شامالغا قارشى قار كېچىپ ئىشلەش

خەلق تورى خەۋىرى: «لاۋ جاڭ، قۇدۇق ئېغىزى بېسىمىدا ئۆزگىرىش بار-يوقلىقىغا قاراپ بېقىڭ، سانلىق قىممەت خاتىرىسىنى چارلاپ تەكشۈرۈش دەپتىرىگە يېزىپ قويۇڭ».

«بولىدۇ، مەن قاراۋاتىمەن».

«تۈگىدىمۇ، ئىككىمىز نېفىتتىن ئەۋرىشكە ئالايلى».

زىمىستان قىشتا، تاغ شامىلى سوغۇق ئېقىمنى كۈچەيتىۋەتتى. 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، جۇڭگو نېفىتى تارىم نېفىتلىكى دىنار گاز ئېلىش مەشغۇلات رايونىدىكى ئىككى نەپەر قۇدۇق چارلىغۇچى خادىم دىنار 11-2 قۇدۇقىنى چارلاپ تەكشۈرۈۋاتاتتى.

بوشلۇقتىن دىنار 2 ئۇيۇغان تەبىئىي گازلىقىغا نەزەر تاشلىغىنىڭىزدا، قىزىل، سېرىق رەڭلىك لاتقا جىنىس تاغلار، نۇرغۇن يىل يامغۇر سۈيىنىڭ يالىشى بىلەن قاتمۇقات ئازگاللارنى شەكىللەندۈرگەن. بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن ئېگىز تاغ، خەتەرلىك جىلغىدا، كۆۋرۈكتىن ياسالغان «گاز ئەجدىھاسى» جىلغىدا يۈرگەندەك كۆرۈنىدۇ، يەنە بىر گاز قۇدۇقى بىلەن گاز يىغىش تۇرۇبا لىنىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، خۇددى ھەسەن-ھۈسەندەك تاغ ئارىسىدىن ئايلىنىپ ئۆتىدۇ.

«توك بىلەن قىزىشنى تەكشۈرۈش ئېغىزىنى تۇتۇپ، توك بىلەن قېزىشنىڭ نورمال ياكى نورمال ئەمەسلىكىنى تەكشۈرىمىز».

«ئىسسىق، بېسىممۇ نورمال».

دىنار 6-2 قۇدۇقىدا، ئەترەتنى باشلاپ قىشلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تەكشۈرگەن دىنار گاز ئېلىش مەشغۇلات رايونىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى يىن جىپېڭ نەق مەيدان تەكشۈرگۈچىلىرىگە تاپىلىدى.

دىنار گاز ئېلىش مەشغۇلات رايونىدىكى ئىشچىلار بۇ «ھەسەن-ھۈسەن» تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم ئايلىنىشى ئۈچۈن ھەر كۈنى تاغ ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ چارلاپ تەكشۈردى. مەيلى پىژغىرىم ياز ياكى زىمىستان قىش بولسۇن، مەيلى ئۇرۇق سالىدىغان باھار ياكى ھوسۇل ئالىدىغان كۈز بولسۇن، دىنار گاز ئېلىش مەشغۇلات رايونىدىكى خادىملار جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، بۇ «گاز ئەجدىھاسى»نى قوغدىماقتا.

دىنار 2 گازلىقى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 11 يىلدا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن تۈركۈم-تۈركۈم گاز ئېلىش ئىشچىلىرى بۇ يەرگە جەم بولدى، ئۇلار چۆل-باياۋاندا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، ئىتتىپاقلىق ۋە تۆھپە قوشۇشنى قەلبىگە پۈكتى. چۈنكى ئۇلار دىنار 2 ئۇيۇغان تەبىئىي گازلىقىدىن جەمئىي 50 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گازنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا لىنىيەسىگە كىرگۈزدى. (چېن شىبىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى