تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

ئورمان ۋە ئوتلاق مۇھىم تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسى بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك رولغا ئىگە. ئورمان ۋە ئوتلاق قاتارلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش ئۈچۈن، ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىرىنچى، ئومۇمىي تەلەپ

(1) يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەش تەلىپى بويىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نىشان - مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولىدىغان، تەۋەلىك بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، مەنبەدىن تۈزەيدىغان، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش.

(2) خىزمەت پىرىنسىپى

− ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. ئورمان قانۇنى، ئوتلاق قانۇنى قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، ئورمان ۋە ئوتلاق قاتارلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

− يېشىل تەرەققىيات، ئېكولوگىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئېكولوگىيەنى كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى ئېكولوگىيەلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مەھسۇلات، ئەلا سۈپەتلىك ئېكولوگىيەلىك مۇلازىمەتكە بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك.

− مەسىلە يۆنىلىشى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش. ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى ئورمان ۋە ئوتلاق قاتارلىق ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش، باشقۇرۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر يۈرگۈزۈش، ئىلمىي باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىپ، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈپ، ئاق قالدۇرۇشقا تېگىشلىك بولسا ئاق قالدۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنىڭ ئېكولوگىيە، ئىقتىساد، جەمئىيەت فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

− پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇش. پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يادرو قىلىنغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئورمان(ئوتلاق) باشلىقلىرى(تۆۋەندە بىردەك ئورمان باشلىقى دېيىلىدۇ)نىڭ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر تەرەپتىكى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتىدىغان، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

(3) تەشكىلىي سىستېمىسى. ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەردە باش ئورمان باشلىقى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ياكى ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۈستىگە ئالىدۇ؛ مۇئاۋىن باش ئورمان باشلىقى تەسىس قىلىنىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەسئۇل يولداشلار ئۈستىگە ئالىدۇ، رايون(دائىرە) بويىچە مەسئۇل بولۇش يولغا قويۇلىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەر ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، شەھەر، ناھىيە، يېزا قاتارلىقلاردا ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشلىقى تەسىس قىلسا بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق مەسئۇل تارماقلىرى ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى تەشكىللەش، يولغا قويۇشتىكى كونكرېت خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

(4) خىزمەت مەسئۇلىيىتى. ھەرقايسى جايلار رايون، بايلىق ئالاھىدىلىكى ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئورمان باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيەت رايونىنى ئىلمىي بېكىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرى مەسئۇلىيەت رايونىدىكى ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەشكە رەھبەرلىك قىلىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشان - مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى، ئورمان زاپىسى يىغىندا مىقدارى، ئوتلاقنىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى، قۇملاشقان يەرنى تۈزەش كۆلىمى قاتارلىقلارنى مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىپ، ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى بېكىتىدۇ؛ ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى، پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەسئۇلىيەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ مەسئۇلىيەت رايونىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوغداپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئورمان، ئوتلاقتا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئوت ئۆچۈرۈش، ئېغىر، زور زىيان سالىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتى ۋە تەدبىرلىرىنى تەشكىللەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق ساھەسىدە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ.

ئىككىنچى، ئاساسلىق ۋەزىپىلەر

(5) ئورمان، ئوتلاق بايلىقى ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش. ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. ئورمان يېرى، ئوتلاق يېرىنى قۇرۇلۇش يېرىگە ئۆزگەرتىشنى قاتتىق كونترول قىلىپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلىرى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سەزگۈر، ئاجىز رايونلاردىكى ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئورمان، ئوتلاقنى بۇزۇپ يەر ئېچىشنى مەنئى قىلىش كېرەك. ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنىنى پەرۋىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىپ، ئورمان ئېكولوگىيە ئۈنۈمى بويىچە تولۇقلىما بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئوتلاقتا چارۋا بېقىشنى چەكلەش، ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرۇش ۋە ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما مۇكاپاتى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئورمان، ئوتلاقنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. دۆلەت باغچىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان تەبىئىي مۇھاپىزەت يېرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ياۋايى ھايۋانلار، ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ھەم ئۇلارنىڭ ماكانىنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك.

(6) ئورمان، ئوتلاق بايلىقى ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، ئېكولوگىيە يېرىنى ئىلمىي بېكىتىپ، دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇھىم، زور قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇاڭخې ئېقىن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرگە چېتىلىدىغان رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك. ئورمان باشقۇرۇش ۋە چېكىنگەن ئورماننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئورمان سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تارماقلارنىڭ كۆكەرتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(7) ئورمان، ئوتلاق بايلىقى بويىچە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش. ئورمان، ئوتلاققا ئېغىر، زور زىيان سالىدىغان جانلىقلار ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە يەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاققا زىيان سالىدىغان جانلىقلار ئاپىتىنى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئورمان، ئوتلاققا ئېغىر، زور زىيان سالىدىغان جانلىقلارنى كۆزىتىش - تىزگىنلەش ۋە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قارىغاي يىپچە قۇرت كېسىلى، ئامېرىكا ئاق پەرۋانىسى، ئوتلاقتىكى چاشقان، توشقان ئاپىتى قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئورمان، ئوتلاقلاردا ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش - ئوت ئۆچۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك مەمۇرىي باشلىق مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(8) ئورمان، ئوتلاق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. نۇقتىلىق دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق رايونلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئورمان بايلىقى - مۈلكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئورمانچىلىق رايونلىرى، ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوتلاقنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتلاقنى ئوبوروت قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. كوللېكتىپ ئورمىنى ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنى ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ۋە مۈلۈك ھوقۇقىدا ھوقۇق ۋە فۇنكسىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە پائال ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىشتىكى يېشىل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

(9) ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى «بىر پارچە خەرىتە» «بىر يۈرۈش سان» بويىچە ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق رايونلارنى ۋاقتىدا كۆزىتىش - تىزگىنلەش تورىنى تەدرىجىي ئورنىتىپ، بايلىقنىڭ ھەرىكەتچان ئۆزگىرىشىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش ۋە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاقىللاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(10) ئاساسىي قاتلام ئۇل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى قاتارلىق پەرۋىش قىلىش - قوغداش خادىملىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا - بازارلاردىكى ئورمانچىلىق(ئوتلاق) خىزمەت پونكىتلىرىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى قاتارلىق پەرۋىش قىلىش - قوغداش خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن مەبلەغ سېلىنمىسى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مالىيەدىن يۆلەش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، كاپالەت تەدبىرلىرى

(11) تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشتىكى مەسئۇلىيەت سۇبيېكتى بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە بىرتۇتاش پىلانلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، 2022 - يىلى 6 - ئايغىچە ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

(12) خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش. ئورمان باشلىقلىرى يىغىنى تۈزۈمى، ئۇچۇر ئاشكارىلاش تۈزۈمى، تارماقلار ھەمكارلىشىش تۈزۈمى، خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم، زور مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنىپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.

(13) جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش. ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، تاراتقۇلار ئارقىلىق ئورمان باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىكى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ، مەسئۇلىيەت رايونىدىكى كۆزگە چېلىقىدىغان ئورۇنلارغا ئورمان باشلىقىنى ئاشكارىلاش تاختىسى ئورنىتىلىدۇ. شارائىتى بار جايلار ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى ئۈچىنچى تەرەپ باھالاشنى يولغا قويسا بولىدۇ. ھەر يىلى ئورمان، ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى ئېلان قىلىنىدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەشۋىقات - تەربىيەسى كۈچەيتىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ ئېكولوگىيەنى قوغداش ئېڭى، يېشىللىقنى سۆيۈش، يېشىللىق بەرپا قىلىش، يېشىللىقنى قوغداش ئاڭلىقلىقى كۈچەيتىلىدۇ.

(14) ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈپ باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. ئورمان باشلىقى تۈزۈمى بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈپ باھالاش ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاقنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرى بىر دەرىجە تۆۋەن ئورمان باشلىقلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا مەسئۇل بولىدۇ، تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسى يەرلىكتىكى ئالاقىدار پارتىيە ، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالاش، باھا بېرىشتىكى ۋە تەبىئىي بايلىق، مۈلۈكنى ۋەزىپىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىنىدۇ. پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئورمان، ئوتلاق بايلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش جەريانىدا، مۇھىم، زور ئەھۋاللارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.