تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇنداق ئىشلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چاۋ جىن، سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: چاغان يېقىنلىشىپ قالدى، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇمنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار يىغىن داۋامىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ مۇخبىرلار ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەركىزى دېزىنفېكسىيەلەش - يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ خۇڭسەينى زىيارەت قىلدى.

«خادىملارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.» ياڭ خۇڭسەي مۇنداق دېدى: ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىپ چىقىدىغان خادىملارغا قارىتا يۈرۈش كودى، نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانىنى كونترول قىلىپ، ئىمكانقەدەر تور يىغىنى ياكى سىن يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 50تىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەت قىلغاندا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ياڭ خۇڭسەي مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: مۇھىت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاش كېرەك. يىغىن زالى ياكى باشقا ئاممىۋى رايونلاردا تەبىئىي ھاۋا ئالماشتۇرۇش ياكى ھاۋا ئالماشتۇرغۇچ ئورنىتىش قاتارلىق مېخانىكىلىق ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، زال ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئالمىشىشىنى ساقلاپ، ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا، ساپلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھەر كۈنى ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچ قېتىمدىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئەگەر مەركەزلىك ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىلسە، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئايلىنىش جەريانىدا ئەڭ چوڭ يېڭى شامال مىقدارى بويىچە ئايلاندۇرۇش، شامال يەتكۈزۈش ئېغىزى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى قەرەللىك تازىلاش، دېزىنفېكسىيەلەش ياكى ئالماشتۇرۇش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى رايونلارنى تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشىك تۇتقۇچى، لىفىت كۇنۇپكىسى قاتارلىق قول كۆپ ئۇچرىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ يۈزىنى قەرەللىك سۈرتۈپ دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك، ھاجەتخانا ياكى يەر يۈزىنى پۈركۈپ دېزىنفېكسىيەلەشكە بولىدۇ، دېزىنفېكسىيەلىگەندە ھەر لىتىرىدا 250mgدىن 500mgغىچە ئۈنۈملۈك خىلور بولغان خىلور تەركىبلىك دېزىنفېكسىيە دورىسىنى تاللاپ ئىشلىتىش ھەم ياخشى خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك.

ياڭ خۇڭسەي مۇنداق دېدى: قول تازىلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك. بارلىق رايونلارنىڭ كىرىش ئېغىزى، ھەربىر قەۋەتنىڭ پەلەمپەي ئېغىزىغا يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى سەپلەپ، ئاممىۋى ھاجەتخانىلارغا قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ياكى يۇيۇۋېتىش ھاجەتسىز دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى سەپلەپ، كىرىپ چىقىدىغان خادىملارنىڭ ھەر ۋاقىت ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلەش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى