تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر روزى مەمەت خەۋىرى، فوتوسى): يېقىندا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرىنىڭ ياڭاق سودا بازىرىدىكى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىدە، باغچى بازىرى باغۋەنچىلىك مەيدانىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر نەچچە ئايال ۋە دوۋيىن دارىن بىرلىكتە قۇرغان «ۋاڭخۇڭ ئالمىسى»نى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆمىكى ھەر ۋاقىت توردا تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، توردا خوتەننىڭ ياڭىقى، چىلان، قۇرۇق ئۈزۈم، نان، ھەسەل ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى.
بىۋاسىتە كۆرسىتىش باشلىنىشى بىلەن، تورداشلار خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرىغا مەپتۇن بولدى. دىكتور زۇلپىيە ھوشۇر باشقا دوۋيىن دارىن بىلەن بىرلىكتە تورداشلارغا خوتەننىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانى، ئوزۇقلۇق تەركىبىنى تونۇشتۇردى. بىۋاستە كۆرسىتىشكە قاتناشقان يېزا ياشلىرى تورداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تورداشلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قىسقىغىنە بىر سائەتلىك مال تونۇشتۇرۇپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش نەچچە ئون مىڭ قېتىم توردا ھەمتۈرتكە بولۇشنى جەلپ قىلغان، خوتەن قەغەز ياڭىقىدىن 13 توننا، قول ھۈنەر بۇيۇمىدىن ئوندىن ئارتۇقى زاكاز قىلىنغان، ھەسەل، نان، چىلاننىڭ سېتىلىش مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ناھىيەسى باغچى بازىرى «بىۋاسىتە كۆرسىتىش + يېزا ئىگىلىكى + ئېلېكتىرونلۇق سودا» يېڭى ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى سېتىش ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى «ۋاڭخۇڭ»غا ئايلاندۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.