تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

2020-يىلى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 258 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، 790 مىليون يۈەن ساياھەت ئىستېمالى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

   ئانار بۇلۇت: 2020-يىلى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە پۈتۈن بىر يىلدا جەمئىي كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون 258 مىڭ ئادەم قېتىم، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت ئىستېمالى 790 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.47 ئاشتى.

  2020-يىلىدىن بۇيان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى رايون شارائىتى، قاتناش ئەۋزەللىكى ھەم مول ساياھەت بايلىقى قاتارلىقلارغا زىچ تايىنىپ، ساياھەت ئېتىبار سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى ھەم ئالتايدىكى 1 مىليون تۇياق چوڭ قۇيرۇقلۇق قوينى يايلاققا كۆچۈرۈش مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى، «يۇرتداشلار يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بۇرۇلتوقاي ساياھەت بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەشۋىقات، ماركېتىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش، كۆرگەزمە قىلىش، مەخسۇس تونۇشتۇرۇش، سىنلىق تەشۋىق قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇرۇلتوقاي ساياھەت بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىپ، تەشۋىق قىلىپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يەنىمۇ نامايان قىلدى.

 2021-يىلى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، بۇرۇلتوقاينىڭ «بەخت مەدەنىيىتى، بېلىق مەدەنىيىتى» قاتارلىق مەدەنىيەت داڭلىق ماركىلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، نامى ياڭراق، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سىرتقا قارىتىلغان ساياھەت تەشۋىقات داڭلىق ماركىسىنى تاۋلاپ ۋە ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئېسىل لىنىيەلىرىنى پىلانلاپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «بۇرۇلتوقاي بايلىقىنى ساياھەتلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

مەنبە: بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، مۇخبىر ۋاڭ جىڭرۇ

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى