1-ئاينىڭ 9-كۈنى، بېلىقچىلار سايرام كۆلىدىكى مۇز يۈزىدە بېلىق تۇتماقتا.
شىنخۇا تورى گاۋ جۈنفېڭ فوتوسى
شىنخۇا تورى خەۋىرى: سايرام كۆلى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەلىكىدىكى شىمالىي تىيانشان تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان بولۇپ، شىنجاڭدىكى مۇھىم سوغۇق سۇ بېلىقى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ. 2016-يىلىدىن باشلاپ، سايرام كۆلىدە «قىشلىق بېلىق تۇتۇش» باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى قىشلىق كۈن توختىغان كۈندىن باشلاپ كېيىنكى يىلى 4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، سايرام كۆلىدە «قىشلىق بېلىق تۇتۇش» مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. (گاۋ جۈنفېڭ، شېڭ يۈەن)